رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 2- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىنسىرلىك بازىسىدىن ئۇچقان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئادانا ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان 3- فىۋرال سەھەردە Yuregir شەھىرى ئەتراپىدا بىر ئېتىزلىققا چۈشۈپ كەتكەن. تۈركىيە ئىنسىرىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تۈركىيە ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ۋە بۇ جاينى قامال قىلغان. دەسلەپكى قەدەمدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئايروپىلان تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنىكەن.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved