28- نويابر شەرقىي-شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان « جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئۇرۇنلىشىش دوكلاتى » دا كۆرسىتلىشىچە، 2015- يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى %2.86 بولغان.
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوغۇل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %3.56 ۋە %2.15 بولغان، گۈزەل سەنئەت، سانائەت ۋە باشقۇرۇش ئىلىمى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگلىك تىكلەش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان. 985 قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، مەخسۇس كەسىپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى باشقا ئوقۇش تارىخى قاتلىمىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولغان، يەنە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە يېزىلاردىن كەلگەن ستودىنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى يۇقىرى بولغان.
دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، سىتۇدېنت ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ساپاسى ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر يۇقىرىكەن، ئىگىلىك تىكىلگەن %38.10 سىتودېنت 958 قۇرۇلۇشى ياكى 211 قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنىكەن؛ 74.34% ئىگىلىك تىكلىگەن سىتۇدېنتنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردىكى %30 نىڭ ئىچىگە كىرگەن، %74 ئىگىلىك تىكلىگەن سىتۇدېنت مەكتەپتە سىنىپ باشلىقى، ئۆگىنش باشلىقى دېگەندەك ۋەزىپە ئۆتەپ باققانىكەن.
ئىگلىك تىكلەش سەۋەبى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، %19.61 ئوقۇغۇچى ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلانغان دوستىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئىگلىك تىكلىگەن؛ %18.63 ئوقۇغۇچى شەخسىي ئارزۇسىغا ئاساسەن ئىگىلىك تىكلىگەن. %13.11 ئوقۇغۇچى ئائىلسىدىكىلەر قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىگىلىك تىكلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved