خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.شۇ جاي ۋاقتى 23-دېكابىر كورىيە سۇ كۈچى ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسىم ھۆججىتى يەنە بىر قېتىم سىرىتقا ئاشكارلىنىپ كەتتى .كورىيە سانائەت سودا مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى تور كىرزىسىنىڭ ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى ئېتىبار بېرىشتىن دىققەت قىلىشقا ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى .كورىيە زۇڭتۇڭى پاك يۇڭخۈي بۇ ئىشنى ئۈزۈل كېسىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى .مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ كورىيە سۇ كۈچى ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىسى شىركىتىنىڭ قىسمەن ئىچكى ھۆججەتلىرى ئارقىمۇ ئارقىدىن سىرىتقا ئاشكارلىنىپ توردا ئېلان قىلىندى.
بۇنىڭ ئىچىدە نەچچە ئون مىڭلىغان ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىمنىڭ شەخسى ئۇچۇرى ھەمدە گېيئوڭجۇ ئاي شەھەرچىسى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئالاقىدار بىر مۇنچە ھۆججەتلەر بار .23-دېكابىر يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ تۆت پارچە لايىھە چېرتيوژى يەنە ئاشكارلىنىپ كەتتى .ئىلگىركى بىر قانچە قېتىمغا ئوخشاش كورىيە سۇ كۈچى ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى شىركىتىدىكىلەر بۇرۇنقىدەكلا ئاشكارلىنىپ كەتكەن ماتېرىياللار ئەمەسلىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەر يۈرىشىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا ھەرگىز تەھدىت ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىچكى قىسىم ھۆججەتلىرىنىڭ كەينى كەينىدىن سىرىتقا ئاشكارلىنىپ كېتىشىگە قارىتا پاك يۇڭخۈي 23-دېكابىر كورىيە تەپتىش تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىدىن بۇ ۋەقەنى ئۈزۈل كېسىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى .كورىيە زۇڭتۇڭى پاڭ يۇڭخۈي يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى دۆلەنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئامانلىق ساقلاش مۇئەسسەسىسى ،ئۇ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە بېرىپ چېتىلىدۇ .مۇشۇنداق ئېغىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى ھەرگىزمۇ قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ .دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە قىلچە بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدۇ ›دېدى .
نۆۋەتتە كورىيە ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ئامانلىق ساقلاش ،نازارەت قىلىش ،كونترول قىلىش مەركەزلىرىدىن جىددىي خىزمەت ھالىتىگە كىرىشنى ھەمدە جىددىي تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدى .كورىيە سانائەت سودا مىنىستىرلىقى 23-دېكابىر شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن توققۇزدىن باشلاپ تور كىرزىسىنىڭ ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى ئېتىبار بېرىشتىن دىققەت قىلىشقا ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى .نۆۋەتتە كورىيە تەپتىش دائىرلىرى ۋە ساقچى دائىرلىرى بۇ ئىشنى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە .ھۆججەتلەرنىڭ سىرىتقا ئاشكارلىنىپ كېتىشىنى خاككېرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان چىقارمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس .بۇنىڭدىن باشقا بەزى خگۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە كورىيە بۇ ئىش توغرىسىدا ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved