" بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى "دا قۇربان بولغان تەخمىنەن 80 ئەسكەرنىڭ جەسسىتى ئاربىس تاغىدىكى مۇزنىڭ ئاستىدىن تىپىلدى.
[ يەرشارى ئۇنۋىرسال خەۋەرلىرى] ياپونىيە GIZMODO خەۋەر تورى3-ئاينىڭ 10-كۈنى ،بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان تەخمىنەن 80 دەك جەڭچىنىڭ جەسسىتىنى ئاربىس تاغىدىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئاستىدىن تاپقانلىقىنى،بۇ جەسەتلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەل ھالدا ساقلىنىپ مومىياغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
1918-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى،ئىتالىيەدىكى دىڭىز يۈزىدىن 12 مىڭ فۇت ئىگىزلىكتىكى ئاربىس تىغىدا،ئاۋىستىرىيە ۋە ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلاپ،نەتىجىدە ئاۋىستىرىيە يەڭگەن.لىكىن،ئىككى تەرەپ قۇربان بولغان جەڭچىلەرنىڭ بىر قىسىمى بۇ مۇزلۇققا مەڭگۈلۈك كۆمۈلۈپ قالغان ئىدى.تەخمىنەن 1 ئەسىر ئۆتكەندىن كىيىن،ئۇ يەردىكى قار مۇز بارا-بارا ئېرىپ،كۆمۈلۈپ قالغان جەڭچىلەر قايتىدىن يورۇقلىققا قايتىپ چىقتى.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،ئۆتكەن نەچچە ئون يىل ئىچىدە،جەڭچىلەرنىڭ بۇيۇملىرى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشىگە ئەگىشىپ ئىقىپ چۈشىشكە باشلىغان.بايقالغان يادىكار بۇيۇملار ئىچىدە،ئىچىشقا ئۈلگۈرمىگەن لىپاپلار،بىر ئۆمۈر سۆيگۈنىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگىلى بولمايدىغان سۆيگۈ مەكتۇپلىرى ۋە شئېرلىرى بار ئىكەن."مومىيا "ئەسكەرلەر تەخمىنەن 80 دانە بولۇپ،كۆپىنچىسى ئېغىر يارىدار ئىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا،بۇ يەردە ئۆلۈپ كەتكەن جەڭچىلەرنىڭ كۆپى،ئۇرۇش،تەبىي ئاپەت ۋە نۆلدىن تۆۋەن 30 نەچچە قاتتىق سوغۇق مۇھىتتا مۇزلاپ ئۆلگەن ئىكەن.گەرچە ئۇلارنىڭ جەسسىتىدىن گىن ئالغىلى بولسىمۇ ،لىكىن ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھازىر بار يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ناھايىتىمۇ تەس ئىكەن.
لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved