كۇبانىڭ ئالىي رەھبىرى فىدېل كاستىرونىڭ ئاشكارا كۆرۈنۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزى ئورگان گېزىتى بولغان «گىراما گېزىتى»نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاپرېل ئېلان قىلغان خەۋىرىدە: كۇبانىڭ سابىق ئالىي رەھبىرى فىدېل كاستىرو 30-مارت ۋېنېسۇئېلادىن كەلگەن 33 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىر يېرىم سائەت پىكىر ئالماشتۇردى دېيىلدى. فىدېل كاستىرونىڭ ئاشكارا كۆرۈنۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزى ئورگان گېزىتى بولغان «گىراما گېزىتى»نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاپرېل ئېلان قىلغان خەۋىرىدە: كۇبانىڭ سابىق ئالىي رەھبىرى فىدېل كاستىرو 30-مارت ۋېنېسۇئېلادىن كەلگەن 33 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىر يېرىم سائەت پىكىر ئالماشتۇردى دېيىلدى. خەۋەردە يەنە فىدېل كاستىرونىڭ ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن قول ئېلىشىپ تۇرغان سۈرىتى بېسىلدى. بۇ كۇبا ئىنقىلابى رەھبىرىنىڭ ئارىدىن 14 ئاي ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم ئاشكارا كۆرۈنۈشى.
فىدېل كاستىرونىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى شۈبھىسىزكى خەلقئارا تاراتقۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
فىدېل كاستىرو 2006-يىلى 27-ئىيۇل ئاشقازىنى قاناپ ئوپېراتسىيەدە بولۇپ، ھوقۇقنى ۋاقتىنچە ئىنىسى رائۇل كاستىروغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئاشكارا سورۇندا ئاز كۆرۈنگەن. ئۇ ئالدىنقى قېتىم 2014-يىلى يانۋارنىڭ باشلىرى ئاشكارا كۆرۈنگەن ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇ بىر قەدىناس رەسسام دوستىنىڭ سالونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ لېنتا كەسكەن ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئاشكارا كۆرۈنمىگەن. بۇ يىل 26-يانۋار فىدېل كاستىرو 2014-يىلى 17-دېكابىر كۇبا بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن پىكىرىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا بايان قىلدى. ئۇ كۇبا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمىسىگە يازغان بىر خېتىدە: مەن كۇبا بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى قوللايمەن، توقۇنۇشنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ۋە ئۇرۇش خەتىرىنى تۈگىتىشنى رەت قىلمايمەن، لېكىن مەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە ئىشەنمەيمەن، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقمىدىم دېگەن.
گەرچە فىدېل كاستىرونىڭ بۇ قېتىم كۆرۈنۈشى تاسادىپىيلىق بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇنى ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ، تاراتقۇلار بۇنىڭ كۇبا ھۆكۈمىتى، فىدېل كاستىرونىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە سىرتقا بەرگەن مەلۇم بىر خىل ئۇچۇرى ئىكەنلىكىگە بەكرەك ئىشىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ تۈرلۈك قىياسلىرى مۇنداق ئىككى نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ: بىرى ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش. فىدېل كاستىرو بىر يىلدىن ئارتۇق ئاشكارا سورۇنلاردا كۆرۈنمىدى، توردا يېقىنقى بىر ھەپتىدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەس ھەتتا ئۆلۈم كېتىشى مۇمكىن دېگەندەك سۆزلەر تارقىتىپ يۈردى. بۇ قېتىم ئاشكارا كۆرۈنۈش ئارقىلىق بۇ يالغان ياۋىداق سۆزلەرگە خاتىمە بېرىلدى. يەنە بىرى كۇبا تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ دېگەن قىياسقا ئۇل سېلىندى. 7-نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلىرى يىغىنى 10-11-ئاپرېل پانامانىڭ پايتەختى پاناما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرىنىڭ 30دەك رەھبىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشى جەزملەشتۈرۈلدى. بۇ ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 1962-يىلى ئامېرىكىنىڭ باش بولۇشى ئارقىسىدا كۇبانىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى توختاتقاندىن بۇيان، كۇبانىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشى. ئامېرىكىنىڭ غەربىي يېرىم شار ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى روبىرت ياگوبسىن يېقىندا تاراتقۇلارغا: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن رائۇل كاستىرونىڭ يىغىندا تارىخىي خاراكتېرلىك بەزى بىر ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىغان كۇبانىڭ يىغىنغا قاتناشقاندا قانداق مەيداندا بولۇشى، ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىۋاتقان ۋېنېزۇئېلانىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ. فىدېل كاستىرونىڭ بۇ قېتىم ۋېنېسۇئېلا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشى ھەمدە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كۇبانىڭ مەيدانىنى ئاشكارىلاپ قويغاندەك قىلىدۇ.
ئامېرىكا 1961-يىلى كۇبا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، ئىككىنچى يىلى كۇباغا ئىقتىسادىي، پۇل مۇئامىلە ۋە سودا ئېمبارگوسى يولغا قويغان. ئوباما بىلەن رائۇل كاستىرو ئۆتكەن يىلى 17-دېكابىر ئايرىم ئايرىم سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باش ئەلچىخانىلىرىنى قايتىدىن ئېچىش قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە ئۈچ نۆۋەت سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى بىر قەدەر زور بولغاچقا، سۆھبەتتە ماھىيەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.



خەتكۈچلەر:
07-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek