جاھان ئاگېنتلىقى 17-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سابق IMF «خەلقئارا پۇل-فوندى تەشكىلاتى» باشلىقى ۋە سابىق ئىسپانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى Rodrigo Rato ، يولسۇزلۇق ۋە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى.
ئىسپانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق پارتىيىسىدىن 1996-2004 يىللىرى ئارىسىدا ئىقتىساد مىنىستىرى بولغان ۋە كېيىن 2004-2007 يىللىرى ئارىىسدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى IMF باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن Rodrigo Rato، ئۈستىدىكى يولسۇزلۇق، پارا ئېلىش ۋە كىرىمىنى ناتوغرا يوللاردىن كۆپەيتىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىندى.
66 ياشلىق Rato، مادرىدتىكى ئۆيىدە دۆلەت مالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلدى. Rato سوتچىنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسىدە ھاكىمنىڭ تەلىماتى بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مادرىتتىكى ئىككى ئۆيى، ئىشخانىسى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. Rato نىڭ تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ساقچىخانىغا يۆتكىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە يوللىنىدۇ.
Rato نىڭ يۇقارقى يولسۇزلۇق داۋاسىدىن باشقا يەنە ئىككى تۈرلۈك داۋا ھەققىدە سوتلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇ يەنە Bankia بانكىسى، Caja Madrid بانكىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved