ئامېرىكا ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنىڭ تەكشۈرۈش شىركىتى Net Applications ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، مىكروسوفت گەرچە Windows 10 غا يېڭىلاشنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما Windows 7 نى ئىشلىتىۋاتقان PC ئابونتلىرى Windows 10 گە يېڭىلاشنى ئانچە خالىمىغان.
مىكروسوفت شىركىتى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى Windows 10 نى يەرشارى مىقياسىدا رەسمىي ئېلان قىلىپ، Windows 7 ۋە Windows 8 ئابونتلىرىنى بىر يىل ئىچىدە ھەقسىز يېڭىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئابونتلار Windows 7 نى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن، ئەمما Windows 8 سىستېمىسى بولسا ئوموميۈزلۈك ھالدا ئانچە قارشى ئېلىنىشقا ئېرىشەلمىگەن، سەۋەبى، سېزىمچان ئېكرانغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇلغان بۇ سىستېمىنىڭ قايتىدىن لايىھەلەنگەن كۆرۈنمە يۈزى كىشىلەرگە ئانچە ياقمىغان.
ئابونتلارنىڭ Windows 10 سىستېمىسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى خىلى ئىجابىي بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم Windows 7 ئابونتى يەنىلا ئېلان قىلىنغىلى ئالتە يىل بولغان بۇ كونا سىستېمىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمىغان. Net Applications نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا Windows 7 سىستېمىسىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى يەنىلا %56.1 لىك يۇقىرى نىسبەتنى ساقلىغان. Windows 10 سىستېمىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، Windows 7 نى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ سانىدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، مەسىلەن، 8-ئايدا %57.7 ، 9-ئايدا %56.5، 10-ئايدا بولسا %55.7 بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، Windows 8 سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلىرىنىڭ سانىدا ئازراق ئېشىش كۆرۈلگەن، يەنى 11-ئايدىكى نىسبىتى %14 بولۇپ، 10-ئايدىكى %13.2 دىن ئازراق ئۆرلىگەن. ئەمما، Windows 10 سىستېمىسى ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى ۋاقىتتا، Windows 8 نىڭ بازار ئۈلۈشى %16 بولغان.
10-ئايدا Windows 10 سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى %7.9 بولغان، 11-ئايغا كەلگەندە ئۆرلەپ %9 گە يەتكەن.
Windows 10 قاچىلىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇنچە ئاستا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، Windows 10 ئالدىن قاچىلانغان يېڭى نۇسخىدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىكەن
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved