ئۈچ ئاچا-سىڭىل ئوخشاش بىر كۈندە توي قىلدى، ئانىسى 12 سائەتتىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى

     ئۈچ ئاچا-سىڭىل ئوخشاش بىر كۈندە توي قىلدى، ئانىسى 12 سائەتتىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى... بېكىي بولسا مېھرى مۇھەببەتكە تولغان بىر ئايال ۋە ئانا بولۇپ، تۆت يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان. ئۇ كۆكرەك راكى بىلەن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، 2013-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ ھاياتى كۈنسېرى ئاز قېلىۋاتقاچقا، ئۇنىڭ ئۈچ قىزى ئانىسى ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئۇنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئىشتىن بىرنى قىلىپ، ئانىسىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان.

      سارا، كەيلى ۋە جۇدىي ئۈچ قىزنىڭ يېشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19 ياش، 21 ياش ۋە 22 ياش بولۇپ، ئۈچى ئوخشاش بىر كۈندە ئۆزلىرىنىڭ بولغۇسى ئېرى بىلەن توي قىلغان.

ئانىسىنىڭ كېسىلى كۈنسېرى يامانلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلغان.

بېكىي توي مۇراسىمىغا قاتناشقان ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا، كۆز ياشلىرى بىلەن بالىلىرىنى باغرىغا بېسىپ سۆيدى.

توي مۇراسىمىدىن 12 سائەت ئۆتكەندە، قىزلىرىنىڭ بەختلىك ئائىلىسى بولغانلىقىنى كۆرگەن ئانا خاتىرجەم ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

‹‹بۇ بىر خىل خۇشاللىق بىلەن ئازاب ئارىلاشقان بىر خىل تۇيغۇ، ئۇ بىز بىلەن بىللە بولغانلىقتىن بىز ناھايىتى خۇشال، بىراق بۇ بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قىلغان ئەڭ ئاخىرىقى چوڭ ئىشىمىز›› دەيدۇ جۇدىي توي مۇراسىمىدىن كېيىن.

بۇ سۈرەت بېكىي تېخى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىغا دىياگنوز قويۇلمىغان ۋاقىتتا تارتىلغان بولۇپ، قىزلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن ئىدى.

بېكىينىڭ بىرىنچى قېتىملىق خىمىيەلىك داۋالىشى غەلىبىلىك بولغان بولسىمۇ، دوختۇر راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە جىگەرگە كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.


25 يىل بىللە ياشىغان يولدىشى ئايالىدىن ئايرىلىپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

   ھاياتى ئەڭ ئاخىرىقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ، بېكىي يەنىلا كۈچى ۋە مۇھەببىتىنى سەرپ قىلىپ، Facebook تا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەڭگۈ يادىدىن چىقمىغۇدەك ئەڭ ئاخىرىقى مۇنداق بىر ئۇچۇرنى قالدۇردى: ‹‹قەدىرلىك ئېرىم، چىرايلىق ئۈچ قىزىم ۋە ئانام ماڭا ھەر قەدەمدە ھەمراھ بولدى، مەن تولىمۇ بەختلىك››.



خەتكۈچلەر:
11-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
Powered by Leglek