جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ9-كۈندىكى تېلگىراممىسى،چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىچە،ئادەتتە ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىزلىنىشى سالامەتلىككە ئېغىر زىيانلىق بۇلۇپ تىلغا ئېلىنسىلا ئادەمگە زىرىكىشلىك، بىئاراملقنى ئەسكە ئالدۇرىدۇ.ئەمما بىر 55 ياشلىق ئامىرىكلىق ئەر ئالدامچىلار بايرىمى كۈنى ئۇيقۇسىزلىقتىن زىرىكىپ بىر دانە لاتارىيە بېلتى سېتۋالغان ھەمدە ئويلىمغان يەردىن 7 مىليون بەش يۇز مىڭ دوللارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
خەۋەر قىلنىشچە،بۇ تەلەيلىك ئەر نىيويورىكتىكى سىتېتىن ئارىلدا تۇردىكەن.7 مىليون بەش يۇز مىڭ دوللارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن بۇ نىيويورىك شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسنىڭ ئارام ئېلىشقا چىققان خىزمەتچسى بىلدۈرۈپ ، شۇ كۇنى كەچتە ئۇ پەقەتلا ئۇخلىيالمىغان،تەخمىنەن سەھەر سائەت 3،4 ئەتراپىدا ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتتىگەنلىك ناشتا يىيىش ئۈچۈن سىرتقا چىقماقچى بۇلۇپ كىيىملىرنى كىيىپ ماشىنىسنى ھەيدەپ سىرىتقا چىققان.ئارقىدىن بىرتۈرلۈك ماللار دۇكنىدا 25 دوللارلىق بىر لاتارىيە بېلتىنى سېتۋالغان ،نەتىجىدە ئويلىمغان يەردىن 7 مىليون بەش يۇز مىڭ دوللارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەنزىرنى ئەسلەپ:‹‹لاتارىيە بېلتىنى سۈرتۈپ قارىسام (چوڭ ئۇتقۇچى) دەپ يېزىلغان ئىكەن،مەن تېخى خاتا يېزىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، كىيىنمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇنچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمگە قەتئىي ئىشەنگۈم كەلمىدى››دىگەن.ئۇنىڭ يەنە دىيشىچە ئۇ مۇكاپاتنى بىر قېتىمدىلا ئېلۋېلىشنى تاللىغان بۇلۇپ قولىغا تېگدىغان سومما 46مىليون 728مىڭ دوللار ئىكەن.
ئۇنىڭ ئاشكارلىشچە ، ئۇ بۇ پۇللارنى كەلگۈسىدە ساياھەت قىلىش، يېڭى ماشىنا سېتۋېلىش ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرغا ئىقتىسادى ياردەم بىرىش ئىشلىرىغا ئىشىلتىشنى ئويلاشقان.
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved