گۈلنەزەر ، ئۇيغۇر ، 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . جوڭگو دىكى يېڭى بىر ئەۋلات فىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ قاتارىدىكى ئاكتىيور ۋە مودىل. شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىدا ئۇقۇغان. 2011-يىلى بېيجىڭ كىنو ئىنىستوتىنىڭ ئاكتىيورلۇق سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنغان. كېين شاڭخەي تەڭ رېن كىنو -فىلىم ئىشلەش شېركىتى بىلەن توختام تۈزۈپ، تېلۋىزىيە تىياتىرى‹轩辕剑之天之痕›دا رول شياۋ شۆنىڭ رولىنى ئالغان. ھەمدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ اىلىم تۇنجى بۇلۇپ خۇنەن تېلۋىزىيە قانىلىدا قۇيۇلغان. 2012-يىلى ناخشىچى جوۋ جيې لۈننىڭ بىر ناخشىسىنىڭ MTVسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان. 2013-يىلى
‹ئايرىلىش پىرى›‹ لۈكچەك قەھرىمان› فىلىمىدە رول ئالغان . بۇ فىلىم بۇ يىل قۇيۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
خەنزۇچە ئىسىم يېزىلىشى:古力娜扎
ئېنگىلىزچە ئىسىم يېزىلىشى: gulnazar
دۆلەت تەۋەلىكى : جۇڭگو
مىللىتى: ئۇيغۇر
يۇلتۇز تۈركۈمى:سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى: A
بەدەن ئېغىرلىقى :50 كىلوگىرام
تۇغۇلغان يۇرتى: ئۈرۈمچى شەھرى
تۇغۇلغان ۋاقتى:1992-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى
كەسپى :ئاكتىيور ، مودىل
پۈتتۈرگەن مەكتىپى: بېيجىڭ كىنو ئىنىستوتىنىڭ 2011-يىللىق ئاكتىيورلار كەسپى
ئىقتىساد شېركىتى: شاڭخەي تاڭ رېن كىنو فىلىم ئىشلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى
ۋەكىللىك ئەسىرى:轩辕剑之天之痕》《警察故事2013
گۈلنەزەر ئاتا -ئانىسى تەرىپىدىن مەدەنىيەت سىەنئەت مەكتىپىكىگە بېرىلگەن بۇلۇپ، ئۇ ئۇسۇل كەسپىنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىپ ئىزچىل تىرىشقان. كېين كوچىدا كېتىۋاتقاندا باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ، مودىللىققا تەكلىپ قىلىنغان. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ، گۈلنەزەر مودىللىق خىزمىتىنى توختاتقان. ھەمدە شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىگە كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان.
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ كىنو مەكتىپىگە قۇبۇل قىلىنغان. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇنجى تېلۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىشنى تاماملاپ، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش پائالىيتىدە ئوتتۇرىغا چىققان، 2012-يىلى 5-ئايدا‹轩辕剑之天之痕› فىلىم مەستانىللىرىنى كۈتىۋېلىش يىغىننىغا قاتناشقان، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ئاتىسلىرىدىن خۇ گې ، ۋۇ چى لۇڭلار بىلەن بىرلىكتە ، خۇنەن تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ ئەڭ داڭلىق پىروگىراممىسى ‹快乐大本营› غا قاتناشقان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئارقىلى گۈلنەزەرنىڭ كىنو مەستانىللىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن. ھەمدە شۇ يىلى دۆلىتىمىزنىڭ كىنو ساھەسىدىكى مۇنەۋەر يېڭى شەخىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24 -كۈنى ‹ساقچىنىڭ ھېكايىسى2013›ناملىق فىلىمدە شىياۋ ۋېينىڭ رولىنى ئالغان. 12-ئاينىڭ 27-كۈنى‹ لۈكچەك قەھرىمان › ناملىق فىلىمدا ئايال ساقچى لىنىڭ رولىنى ئېلىشقا توختام تۈزگەن.
گۈلنەزەر رول ئالغان فىلىملەر :
2014-يىلى : ‹ئايرىلىش پىرى›
ئالغان رولى: شىياۋ جۇۋاڭ،
رېژىسور : دېڭ چاۋ،
ھەمكارلاشقان ئارتىسلار: ياڭ مى، سۇن لى
2014-يىلى: ‹لۈكچەك قەھرىمان 2 ›
،ئالغان رولى:لى شىياۋ مۇ
رېژىسور: سا يۆ
ھەمكارلاشقان ئارتىس: جاۋ يوۋ تىڭ ،
2013-يىلى: ساقچىنىڭ ھېكايىسى 2013
ئالغان رولى: شىياۋ ۋېي
رېژىسور: دىڭ شېڭ
ھەمكارلاشقان ئارتىس : چېڭ لۇڭ، لىيۇۋ خۇۋا
2012-يىلى: 轩辕剑之 天之痕
ئالغان رولى : يۈ شىياۋ شۆ
رېژىسور: لى گولى
ھەمكارلاشقان ئارتىس : خۇ گې، لىيۇۋ شى شى، تاڭ يەن
ئوبراز ۋەكىلى بولغان ئېلانلار :
2011-يىلى ،Haier كىرئالغۇسىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان،
2012-يىلى: HARUKI.گىرىم بۇيۇملىرىغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان
2012-يىلى: INITIAL.قەھۋەسىگە ئوبراز ۋەكىلى بولغان.
2013-يىلى 4-ئاينىڭ28-كۈنى ، سىچۇەن تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ جۇڭگو مۇھەببىتى 4.20 يەر تەۋرەش ۋەقەسىگە ئاتالغان چوڭ تىپلىق سەنئەت پائالىيتىگە قاتناشقان. 2009-يىلى: جۇڭگو مودىللىق كەسپى چوڭ مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان، 2012-يىلى مەمىكەتلىك كىنو ساھەسى مۇراسىمىدا ‹ ئەڭ مۇنەۋەر يېڭى ئاكتىيور›مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
![]() |
ئامىر خان بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.
...
|
![]() |
1-ماي كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، لېكىن بۇ كۈنى قىسمەن ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بايرام ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved