ئالما شىركېتىنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان WWDS يىغىنى 6- ئاينىڭ 3 – كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇ يىغىن ئالماخۇمارلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپلا قالماستىن، پەن – تېخنىكا ساھەسىگە نىسبەتەن: ئالما ئىكولوگىيلىك سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان، يېڭى بىر يۈرۈش تېخنىكىلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن تېخىمۇ دېققەتكە سازاۋەر بولىدۇ.
مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئېچىش قوراللىرىدىن سىرت ئالما WWDC يېغىنىدا يەنە مۇھىم مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدۇ . 1983 – يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك WWDC يېغىنىدا ئالما تۇنجى مەھسۇلاتى Lisa كومپىيوتېرىنى ئىلان قىلغان. تاراتقۇلارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە بۇ يىلقى WWDC يېغىنىدا چوڭ ئىكىرانلىق iPhone6 نى ئېلان قىلىشى چوقۇم.
تارىختىكى نەچچە قېتىملىق WWDC يېغىنلىرى ئالما شىركېتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش جەريانىنى ئەكس ئەتتۈۈرۈپ بېرەلەيدۇ. تۆۋەندە ئۆتمۈشتىكى WWDC يىغىنلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىغا نەزەر ئاغدۇرايلى:
1983 – يىلى
1983 – يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك WWDC يېغىنىدا، بىر توپ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان پىروگىرامما ئاچقۇچىلار تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان Lisa كومپيۇتېرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. Lisa - كۆرۈنمە يۈزلۈك خۇسۇسىي كومپيۇتېر دەۋرىنى ئاچتى ۋە كومپىيۇتېر ساھەسىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى. ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل يىغىن تاراتقۇ ۋە خەلق ئاممىسىدىن مەخپىي ھالدا، نەخ مەيدان قاتناشقۇچىلىرى بىلەنلا ئېچىلغان.
1990 – يىلى
1990 يىللاردا ئالما شىركېتى ئاساسلىق مۇلازىمىتىنى ئاممىۋىي ئىستېمال بازىرىغا قاراتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئالما CEO سى John Sculley قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار شىركەتنىڭ "ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، يېڭى تىپتىكى Mac كومپىيۇتىرى" نى بازارغا سېلىپ، ئىستېمالچىلارنى مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاممىۋىي ئىستېمال بازىرىغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىم WWDC دا يەنە كۆپ ۋاستە قويۇش ئۈسكۈنىسى QuickTime نىمۇ ئېلان قىلدى.
1991 – يىلى
1991 – يىلىدىكى WWDC دا ئالما Mac OS 7 سىستمىېىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا System 7 دەپ ئاتالغان. بۇ سىستېمىغا: بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ۋەزىپە تاماملاش، ماتېرىيال بەھرىلىنىش، سىنبەلگىلەرنى سۆرەپ مەشغۇلات قىلىش قاتارلىق ئېقتىدارلار ۋە ئەخلەت ساندۇقى سەپلەنگەن.
1993 – يىلى
1993 - يىللىرى ئالما شىركېتىنىڭ 68K لىق بىر تەرەپ قىلغۇچتىن PowerPC بىر تەرەپ قىلغۇچىسىغا ئۆتىدىغان ھالقىلىق دەۋرى بولدى. بۇ قېتىمقى WWDC يېغىنىدا، ئالما PowerPC 601 بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن Mac كومپىيۇتېرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرگەزمە قىلدى. بۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئېقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، كونا قۇرۇلمىدىكى پىروگىراممىلارنى پۈتۈنلەي مۇكەممەل ھالدا قوللايىتتى. ئالمىنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچ ئالماشتۇرىشىغا نىسبەتەن گۇمانىي قاراشتىكى كشىلەر بۇ قېتىمقى يىغىندا ئامالسىز قايىل بولدى.
1997- يىلى
1997- يىلى جوبىس قوغلىۋېتىلگەندىن كېيىن شىركەتكە قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى WWDC يېغىنىدا: جوبىس چوڭقۇر پاتقاققا پىتىپ قالغان Copland پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھەقىقىي يېڭىمەشغۇلات سىستېمىسى Mac OS X نى NextSrep ئاساسىدا ئېچىشقا باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېڭىپىلاننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالما يەنە Mac OX سىستېمىسىغا قارىتا OEM ھوقۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ Mac OS سىستېمىسى سەپلەنگەن كومپىيۇتېرلارنى ئىشلەپ چىقىرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1999 – يىلى
1999 – يىلى جوبىس قىزىقارلىق نۇتۇقى بىلەن WWDC يېغىنىنى تېخىمۇ قىزغىن كەيپىياتقا كۆتۈردى، شۇنداقلا مەزكۇر يېغىننىڭ مەخپىيلىكى تۆۋەنلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يۈزلەندى. بۇ قېتىم PowerBook G3 نىڭ ئېلان قىلىنىشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى، نەخمەيداندا 50 دانە PowerBook G3 گە تارتىپ سوۋغا قىلىندى. يەنە OS 8.6, OpenGL, Java 2 ۋە Mac OS X نىڭ تۇنجى ئاچقۇچىلار نۇسخىسى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇلارنىڭ 2 يىلدىن كېيىن تارقىتىلغان رەسمىي نۇسخىلىرى بىلەن ئاساسەن كۆپ پەرقى بولمىدى.
2001 – يىلى
جوبىس قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بۇ بىرقانچە يىل ئاساسەن يېڭىمەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىلدا، OS X بازارغا چىقتى، ئاچقۇچىلار تىرىشچانلىق بىلەن Cocoa دېتالىنى سىناپ- تەڭشەشكە باشلىدى. بۇ قېتىمقى يېغىندا: جوبىس بىر قىسىم يېڭىچە تاختىيۇتېر ئىكىرانلىرىنى كۆرسىتىپ، يېڭى زاۋۇتتىن چىقىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا OS X سىستېمىسى قاچىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئەسلى پىلاندىكىدىن 2 ئاي بۇرۇن ئورۇندالدى. بۇ قېتىم يەنە يېڭىنۇسخىدىكى كارخانا دەرىجىلىك مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدىغان Mac OS X Server مۇ دېققەتكە سازاۋەر بولدى، Power Mac G4 سىستېمىمۇ ئالقىشقا ئىرىشتى.
2002 – يىلى
بۇ قېتىمقى WWDC داجوبىس OS 9 نىڭ تاماملىنىش باسقۇچىغا كىرگەنكىكىنى جاكارلىدى ۋە Mac OS X نىڭ ئەڭ يېڭىنەشرى 10.2Jaguar نى ئېلان قىلدى.
2003 – يىلى
بۇ يىلقى يېغىندا نۇتۇقلار ئۆزگىچە بولدى، PoweMac G5 چوڭ ئاپپاراتى، سىناق نۇسخىدىكى Mac OS X 10.3 سىستېمىسى ئېلان قىلىندى، ۋە يەنە iPhoto, iMove, iDVD قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى مەھسۇلاتلار مەيدانغا چىقتى.
2006 – يىلى
2006 – يىلىدىكى يېغىندا Intel نىڭ 4 يادرۇلۇق، 64 خانىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن Mac Pro ئېلان قىلىندى، 300 دىن ئارتۇق ئىقتىدار كۆپەيتىلگەن، يىڭىچە LeoPard مەيدانغا چىقتى.
2008 – يىلى
بۇ قېتىم APP Store ئەپ دۇكىنى. يېڭىچە iOS ۋە Mac OS X نەشرىنى ، شۇنداقلا iPhone 3G يېڭىقاتتىق دېتالى قاتارلىقلارنى ئىېلان قىلدى. يەنە ئالما MobileMe نى ئېلان قىلىپ، بۇلۇت ساھەسىگە قەدەم قويدى.
2009 – يىلى
جوبىس كېسەللىك سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى WWDC غا قاتنىشالمىدى. مۇئاۋىن باش لىدېر Phil Schiller قاتارلىقلار بىرلىكتە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نۇتۇقىنى سۆزلىدى. بۇ قېتىمقى يېغىندا iOS 3.0 ، پۈتۈنلەي يىڭىلانغان MacBook Pro ۋە iPhone 3Gs ئېلان قىلىندى.
2010 – يىلى
2010 – يىلىدىكى WWDC نىڭ ئاساىي مىلۇدىيەسى iPhone4 نى ئېلان قىلىش بولدى. بۇ تېلىفۇننىڭ سەپلىمىسى ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ، iPhone تارىخىدىكى مۇھىم بىر تىپقا ئايلاندى. بۇ قېتىم يەنە بىرلا ۋاقىتتا: كۆپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، دېتال ھۆججەت قىسقۇچىسى، iBOOK، FaceTime، ئاۋازلىق دىئالۇگ، دىئالۇگ بۇيرۇقى ئارقىلىق كۆرۈشكە بولىدىغان بىر تۇتاش ئېلىخەت ساندۇقى قاتارلىقلارنى سەپلىگەن يېڭى iOS 4 ئېلان قىلىندى.
بۇ يىلقى WWDC يېغىنىدا قانداق يېڭىلىقلار بولىدۇ،؟ بۇ نۇقتىغا قىزىققۇچىلار دېققىتىڭلار لەگلەك تورىدا بولسۇن!
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved