رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن 25-دېكابىر موسكۋادا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ۋە رۇبلىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دېققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. پۇتىن شۇ كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىق جازالاش ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، رۇسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلىگەن يېتەرسىز خىزمەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
پۇتىن مۇنداق دېدى: گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىشنى سىناق قىلغان ھەمدە بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى ئەمەلىيەت، بۇ خىزمەتلەرنىڭ يەنىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. پۇتىن رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىقتىساد تارماقلىرىدىن ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، رۇبلىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved