خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگىلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ 2012-يىلى يانۋاردا ۋەقەگە ئۇچراپ، 32 ئادەم قازا قىلغان «CostaConcordia» ناملىق پوچتا پاراخوتى 11-ماي ئەڭ ئاخىرقى 10 ئىنگلىز مىلى ( تەخمىنەن 16 كىلومېتىر ) ھايات مۇساپىسىنى تاماملاپ « چۇۋۇش پورتى»غا كىرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، «CostaConcordia» ناملىق پاراخوت 2012-يىلى 13-يانۋار ئىتالىيەنىڭ Giglio ئارىلىدىكى دېڭىز پورتىغا يېقىن دېڭىزدا چۆكۈپ كېتىپ، ئىتالىيەدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق دېڭىز ئىشلىرى ۋەقەسى بولۇپ قالغان.
ۋەقەدە «CostaConcordia» ناملىق پوچتا پاراخوتىنىڭ باشلىقى ئامان قالغان. پاراخوت باشلىقى شيېدىنو ۋە باش ياردەمچى ( كاپىتان ياردەمچىسى) بىخەستىلىك قىلىش، خاتا ئۆلتۈرۈش ۋە يولۇچىلار پۈتۈنلەي تارقاقلاشماستىن بۇرۇن پاراخوتنى تاشلاپ قېچىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنىپ، پاراخوت باشلىقىغا 16 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved