22-ئۆكتەبىر، لەنجۇ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسىدا، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلىندىغان ھاجىنىسا دادىسى بىلەن ئوينىماقتا
18 ياشلىق ئامانگۈل ئۆمەرنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بولۇپ، ئۇخلاۋاتقاندا دائىم دېگۈدەك نەپەس يېتىشمىگەنلىكتىن، دېمى سىقىلىپ ئويغىنىپ كېتىدۇ. بۇ قېتىملىق ھەقسىز ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ.
بۇ يىل ئۆكتەبىردىن كېلەر يىلى مايغىچە ئامانگۈلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 0 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 108 بالا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھەر بىر بالىنىڭ ئائىلىسى 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە بولغان داۋالاش ھەققىنى تېجەپ قالىدۇ.
بۇ يىل 20-ئاۋغۇست، ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار خوتەن، ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتتە تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاللاۋاتقاندا، ئامانگۈلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى بۇ ھەقسىز داۋالاش تۈرىگە ئىلتىماس قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سەھىيەدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ‹‹بالىلارنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش›› تۈرىنى ئازادلىق ئارمىيە باش ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ سەھىيە بۆلۈمى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ئوپېراتسىيەنى ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسى، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى شۇنداقلا دېڭىز ئارمىيە باش دوختۇرخانىىسىدىكى ئالتە نەپەر مۇتەخەسسىس ئېلىپ بارىدىكەن، بۇ پائالىيەت بىلەن بىرگە يەنە ‹‹يورۇقلۇق قۇرۇلۇشى››مۇ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشتا ھەر يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۆزىگە ئاق چۈشكەن 20 بىمار ھەقسىز داۋالىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved