كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ كارخانىغا يۈكسەك سادىق بولۇشى گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى. گېرمانىيەدە بىر كارخانىدا 20 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ، بەزى خىزمەتچىلەر ھەتتا بىر ئۆمۈر بىرلا كارخانىدا ئىشلەيدۇ. ئۇنداقتا گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ زادى قانداق سىرى بار، خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئۇتىدۇ؟
گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك ئەمگەكچىلەر (ئىشلەمچىلەر) سىياسىتى بار. گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆستۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئىش ھەققى (مائاشى) بىلەن باشقا ھەرخىل پاراۋانلىقى ئامېرىكىنىڭكىدىن %66 يۇقىرى ئىكەن.
بىر كارخانا بازاردا ئۇزاق مەزگىل پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن، شۇ كارخانىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك نىشانى بولۇشى، ھەرگىزمۇ قىسقا مەزگىللىك پايدىغا كۆز تىكىۋالماسلىقى كېرەك. ھەر بىر خىزمەتچى چوقۇم ناھايىتى ياخشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە، مائاشقا، پاراۋانلىق ۋە تەمىناتقا ئىگە بولۇشى لازىم، دەيدۇ بىر كارخانىنىڭ يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىسى.
گېرمانىيە كارخانىلىرىدا خىزمەتچىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدىغان ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بار. خىزمەتچىلەرگە قانداق غەمخورلۇق قىلىش توغرىسىدا ھەممە ئادەم ‹‹باۋما››شىركىتىنىڭ تەرىپىنى قىلىدۇ. ئۇلار يېشى چوڭ ئىشچىلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار زاۋۇت ئۆيلىرىنى تەسىس قىلىشتىن تارتىپ داۋالاش، كۈتۈنۈشكىچە بىرگەۋدىلەشكەن مۇلازىمەتنى يولغا قويغان.
جۇڭگو بىلەن شېرىكلىشىپ مەبلەغ سالغان يۈك ماشىنىسى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە بېيجىڭ فۇتيەن دىمىل ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇدىرى: كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ كارخانىغا بولغان سادىقلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى، كارخانا مەدەنىيىتى مەسىلىسى؛ شىركەت خىزمەتچىلەر ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدۇ. خىزمەتچىلەرمۇ بۇنىڭغا يارىشا كۆپ بەدەل تۆلەپ خوجايىنغا سادىق بولىدۇ، مانا بۇ ‹‹قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش›› بولۇپ، يالغۇز ئىش ھەققىدىنلا ئىبارەت ئاددىي ئىش ئەمەس، خىزمەتچىلەرگە ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىمۇ گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ ئادەمنى ئۇزاق مەزگىل تۇتۇپ قالالىشىنىڭ سىرى، دەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved