پالۋان ئابدۇرەشىدخان ئەركىن مۇشتلىشىش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى

       دىيارىمىزدىكى ئەركىن بوكس ماھىرى، شىر كەبى پالۋىنىمىز ئابدۇرەشىدخان كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات رەستىسىگە جايلاشقان دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا پالۋان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئەركىن مۇشلىشىش مەيدان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەشقاۋۇللۇق سېپىگە كىرگەنلىكىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى ئۇستازلار، كارخانىچىلار ۋە ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ ۋەكىلىرى بولۇپ 500 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشتى، پائالىيەتكە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېكتور رىياسەتچىسى جۇشقۇن جۈمە رىياسەتچىلىك قىلدى.

پالۋان ئابدۇرەشىدخان

1983-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى ئۆز يۇرتى قاغىلىق ناھىيەسىدە ئەلا نەتىجىدە تاماملىغان. 2000-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياپونچە چېلىشىش، جۇڭگوچە چېلىشىش، ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش جەمئىيىتى ئەركىن مۇشتلىشىش كوماندىسىغا تاللانغان. 2007-يىلى كوماندىدىكى توختامى ئاخىرلىشىپ كوماندىدىن چېكىنىپ چىققان. تاكى ھازىرغىچە ئۆزئالدىغا ئايرىم كوماندا تەشكىللەپ ئەركىن مۇشتلىشىش ساھەسىدە بەلگىلىك قىممەت يارتىپ كەلمەكتە.



ئۇتۇق قازانغان نەتىجىلىرى:

2000-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەركىن مۇشتلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 52 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدال.

2001-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەركىن مۇشتلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 56 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدال.

2002-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەركىن مۇشتلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 56 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدال.

2003-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ  ئەركىن مۇشتلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 56 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدال.

2004-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەركىن مۇشتلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 60 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدال.

2005-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەركىن مۇشتلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 60 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدال.

2006-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ  ئەركىن مۇشتلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 70 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدال.

2007-يىلىدىن باشلاپ ۋۇلىن فېڭ خەلقئارالىق ئالتۇن كەمەر تالىشىش مۇسابىقىسى بويىچە 18 قېتىم قاتنىشىپ 2 مەيدان تەڭلەشكەن 12 قېتىم ئۇدا ئايلاندۇرۇۋەتكەن 4 مەيدان ئۇتقان.ھازىرغىچە چوڭ-كىچىك قاتناشقان مۇسابىقىلىرى 73 مەيدان بولۇپ 2 مەيدان يېڭىلگەن.




لەقىمى: تەڭرىتاغ يىلپىزى

بوي ئېگىزلىكى : 173 سانتىمېتىر

ئېغىرلىقى : 120 كىلوگىرام

بېرىلگەن نامى : تەڭرىتاغ پالۋىنى

قىزىقشى : سۇ ئۈزۈش، ئات مىنىش، ساياھەت، نەسر يېزىش، خاتىرە قالدۇرۇش.




ئوقۇغان بىلىم يۇرتلىرى:

بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

شىئەن تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

شاۋلىن ئىبادەتخانىسى

جاڭسۇ ئەركىن مۇشتلىشىش جەمئىيىتى

شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

خېنەن ئەركىن مۇشتلىشىش جەمئىيىتى

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى

ئۆزى تەشكىللىگەن كۇلۇبلار:

قىران بۈركۈت چېنىقىش كۇلۇبى

بەتتال خەلقئارا جانبازلار بازىسى  

پالۋان تەنتەربىيە كۇلۇبى

يەڭگۈر تەنتەربىيە كۇلۇبى

يىۋۇ جىڭۋۇ سارىيى

قاپلان تەنتەربىيە كۇلۇبى



قۇرغان شىركەتلىرى:

شىنجاڭ بەتتال تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ پالۋان ئابدۇرەشىدخان يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتى

يىۋۇ پالۋان ئابدۇرەشىدخان يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتى تارماق شىركىتى

ھەمكارلىشىپ قۇرغان شىركەتلىرى:

شىنجاڭ ئەلا باي سودا مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ساۋۇت يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى  

سۈلمىي ماروژنى زاۋۇتى

پىچان ناھىيە يېشىل زېمىن مېۋىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    يېقىندا ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى 28 ياشلىق بىر ئەر ئون كۈندە سەككىز ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقتىن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قامالدى. Mehdi Midani ئالدىنقى يىلى 10-ئايدىكى ئون كۈندە، دائىم كېچىدە ئۆيىگە قايتىۋاتقان ئايا...
27-04-2016
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ساقچىلار ھەربىي ئارمىيە 1-قىسىم ئالار شەھىرى ساقچى ئىدارىسى توقاي يېزىلىق ساقچىخانا 4-ئەترىتىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يەر تەكلىماكاننىڭ شىمالىي قىسمى. 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، بۇ رەسىم  ھەربىي ئارمىيە 1-قىسىم ئال...
27-04-2016
    تەيۋەن ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 40 ياشلىق ھوللىۋود داڭلىق ئايال چولپىنى ئەنجىلىنا جۇلى يېقىندا ساغلاملىق مەسىلىسى بىلەن باش بەتكە چىققان. ئۇ 25-ئاپرېل لوندوندا كەچلىك غىزادا بولغان بولۇپ، كۈلرەڭ ناكىدكا بىلەن پۈتۈن...
27-04-2016
     ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 26 ياشلىق فىنلاندىيەلىك قىز جاسمىن بىرىتنىڭ قول-پۇتى پالەچ بولغاچقا ماڭالمايدىكەن، ئۇ ئۆزىنى باربى مەلىكىلىرىدەك ياساشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، ...
27-04-2016
     شيەنياڭ يىماۋ مەيدانىدىكى بىر تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ دۇكاندارى يانفونىنى ئىشلەتمەكچى بولۇپ قارىسا، iPhone 6 سى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. كۆرگۈنى كەينىگە ياندۇرۇپ كۆرۈپ، يانفوننى بىر كىچىك قىزنىڭ ئوغرىلىغانل...
27-04-2016
    ناخشىچى ماۋ نىڭ 26-ئاپرېل كەچتە مىكرو بلوگىغا ئۆزىنىڭ پائالىيەتكە قاتناشقان رەسىملىرىنى چىقارغان، رەسىمدە ئۇ قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ، رەڭگى-روھى خېلى ياخشىدەك كۆرۈنەتتى. بۇ ئۇنىڭ بۇلتۇر نويابىردا زە...
27-04-2016
     فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 26-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 26-ئاپرېل 28 ياش ئانا ئوغو (Aurore Baumgartner) ئۈستىكى سوئىن (Haute-Saône) ئۆلكىلىك ئېغىر جىنايەت سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىن...
27-04-2016
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ماشىنا ئادەملەرنى ئادەملەرنىڭ ئورنىغا دەسستىش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان خەۋەرلەر تارقالماقتا. تۈنۈگۈن، گۇاڭجۇدىكى ئىككى ئاشخانىنىڭ خوجايىنى غەلىتە خىيالغا كېلىپ قالدى يەنى مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئورنىغا م...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا، جىنەن چاڭچىڭ ئۇنىۋېرستېت شەھەرچىسى شەندۇڭ بىرلەشمە ئۇنىۋېرستېت ئىشىكى ئالدىدا قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 20 ياشلار ئەتراپىدىكى يىگىت بىر قانچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بى...
27-04-2016
    يېقىندا 128 يىللىق تارىخقا ئىگە شىۋېتسارىيە ئالىي دەرىجىلىك قول سائىتى، شىۋېتسارىيە رومېر سائىتى (ROAMER)، داڭلىق سەنئەتكار جېڭ جىيايىڭنى داۋاملىق تۈردە 2016-يىللىق جۇڭگو رايونىدىكى ئوبراز ۋاكالەتچىسى قىلىپ بېكىتكەنلىك...
Powered by Leglek