3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى، ھەمدە ئۆستۈرۈش قەدىمى ئىلگىركى مۆلچەردىكىدىن بىر قەدەر ئاستا بولدى، لېكىن يىل ئىچىدە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى 4 قېتىمدىن 2 قېتىمغا كېمەيتىلدى، شۇنىڭدەك، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى مېييىن مېيلىن (BofA Merrill) نىڭ بۇ قېتىمقى قارارغا قارىتا كونكرېت كۆز قارىشى تۆۋەندىكىچە: ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايلىق ئۆسۈم نىسبىتى قارارىدىن كېيىن، 4 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس، لېكىن يەنىلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئاي ۋە 12-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈردىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
ئاخشام ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قارارىدىن كېيىن دوللار بېسىمغا ئۇچراپ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتتى، ئەمما دوللاردىن باشقا پۇللار ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن يېلېن ئېلان قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، يېلېننىڭ سۆزى يەنە دوللارغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ دوللار چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەپ كەتتى.
پۇل سىياسىتى توغرىسىدىكى بايانات ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھازىر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت سىگنالى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى؛ دوللارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈم پەرقى ۋە ئاساسىي يۈزدىن چەتنەش كېتىشى، خەۋپ - خەتەر كەيپىياتى ۋە تاۋار بازىرىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولدى، شۇ سەۋەبتىن يېقىنقى مەزگىللەردە پايدا نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پۇللارنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش باھاسى كۈچەيدى؛
گەرچە يېقىنقى مەزگىلدە بازار ئەھۋالىدا بىر قەدەر چوڭ ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى يەنىلا دوللارنى G10 10 دۆلەت پۇلغا ئالماشتۇرۇش باھاسىغا تىرەش كۈچى بولدى.
![]() |
مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ماي ئېنىقلىشىچە، ئىچكى كابىنتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى 5-مايدىكى تىك ئۇچار يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان.
مالايسىيا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزغۇچىلار 6-ماي ...
|
![]() |
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved