رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ۋە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 6-فېۋرال كېچىدە موسكۋادا بەش سائەتچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە كېڭەشتى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ئاخبارات كاتىپى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: سۆھبەتكە قاتناشقان تەرەپلەر ئىجابىي، مول مەزمۇنلۇق ئەمەلىي خارەكتېرلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇىرغا قويغان تەكلىپكە ئاساسەن، نۆۋەتتە رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىنىسكى كېلىشىمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتنى تۈزمەكتە. بۇ ھۆججەت ئارقىدىن ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئالاقىدار تەرەپلەرگە سۇنۇلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved