جىنايەتچى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن گوللاندىيە 5 تۈرمىنى تاقايدۇ

سىنا تورىنىڭ 23-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:

كەلگۈسى نەچچە يىلدا، ئاسراش تەننەرخى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن، گوللاندىيە بەش تۈرمىنى تاقىماقچى. پەقەت تۈرمە ئۈنۈمى بەك ناچار بولغانلىقى سەۋەبلىكلا ئەمەس، گوللاندىيەگە نىسبەتەن غايەت زور خۇش خەۋەر بولسا، گوللاندىيەدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى مۇقىم قەدەمدە تۆۋەنلىگەنلىكتىن، مىڭلىغان كۆزىتىش ئۆيلىرى يىل بويى قۇرۇق قالغان.

ئەڭ بۇرۇن بۇ ئىشنى بايقىغىنى «گوللاندىيە ئېلخەت گېزىتى» بولۇپ، ئۇلار بىر قىسىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، تۈرمە تاقاش پىلانىنى ئاشكارىلىغان. ھۆججەتتە يەنە تەخمىنەن 1900 تۈرمە خىزمەتچىسىنىڭ ئىشسىز قالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

گوللاندىيە ئاخباراتلىرى خەۋەر قىلىشىچە، تۈرمىنىڭ تاقىلىشى ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتىكى سەۋەبنى چىقىش قىلغان. گوللاندىيە بىخەتەرلىك ۋە ئەدلىيە ۋەزىرى ئارد ۋان دېر ستېئۇر (Ard van der Steur) تونۇشتۇرىشىچە، ھازىر سودىيەلەر ھۆكۈم قىلغان جازا مۇددىتى تېخىمۇ قىسقا بولۇپ، جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىدە تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئازلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، بىراق بىرلا ۋاقىتتا بۇ ھەم ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ ئازلىغانلىقى سەۋەبلىك ئىكەن. گوللاندىيە ئاخباراتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، گوللاندىيەدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يېقىنقى نەچچە يىلدا ھەر يىلى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %0.9 تۆۋەنلىگەن.

ئەمەلىيەتتە، بۇ بەخت گوللاندىيەگە نىسبەتەن يېڭى ئىش ئەمەس. 2009-يىلى بەك كۆپ جىنايەتچى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار 8 تۈرمىنى تاقىغان، 2014-يىلى يەنە 19 تۈرمىنى تاقىغان. گوللاندىيەنىڭ ئەھۋالى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى: 2015-يىلى نورۋېگىيە 1000 نەچچە نورۋېگىيەلىك مەھبۇسنى گوللاندىيە تۈرمىسىگە قامىدى، چۈنكى نورۋېگىيە تۈرمىلىرى توشۇپ كەتكەن ئىدى.

گوللاندىيە جىنايەتچى ئازلىغانلىق سەۋەبلىك تۈرمىلەرنى تاقىغان بىرىنچى دۆلەت ئەمەس. شۋېتسىيە تۈرمە سانى 2004-يىلدىن 2011-يىلغىچە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1 ئەتراپىغا ئازلىغان. 2011-يىلى ۋە 2012-يىلى بۇ سۈرئەت %6كە يەتتى. 2014-يىلى ئۇلار 4 تۈرمە ۋە بىر ئۆزگەرتىش ئورگىنىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى. «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ قارىشىچە، شۋېتسىيە تۈرمىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئازلىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى شۋېتسىيە ئالىي سوتىنىڭ 2011-يىلىدىكى ھۆكۈمىتى زەھەر جىنايىتىگە بېرىدىغان جازانى يېنىكلەتكەن، جىنايەتچىنىڭ جازا مۇددىتىنىمۇ قىسقارتقان.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek