شىنجاڭلىق شوپۇر ئادەم سوقۇۋېتىپ نەق مەيداندىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كەينىگە يېنىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

24 ياشلىق سوڭ فامىلىلىك شوپۇر ماشىنا ھەيدەش جەريانىدا، پىيادە كېتىۋاتقان ئادەمنى سوقۇۋەتكەن ھەم قورقۇپ كەتكەچكە ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالغان. ماشىنىنى ھەيدەپ نەچچە كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، سوڭ فامىلىلىك كۆڭلىدە خاتىرجەم بولالماي، ماشىنىسىنى يول بويىغا توختىتىپ قويۇپ، ئىككى كىلومېتىرچە يول مېڭىپ نەق مەيدانغا قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

خەلق ساقچىلىرىنىڭ كېيىن تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوڭ فامىلىلىكنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ساختا بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا سوڭ فامىلىلىك ئوسال ئەھۋالدا قالغان.

سوڭ فامىلىلىك يىغلاپ تۇرۇپ خەلق ساقچىلىرىغا مۇنداق دېگەن: مەنمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن، مەن ئەسلى مۇنتىزىم شوپۇرلۇق مەكتىپىدە شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىۋاتاتتىم.

نۆۋەتتە، سوڭ فامىلىلىكنىڭ ئائىلىدىكىلىرى شوپۇرلۇق مەكتەپ بىلەن تەپسىلىي سۆزلىشىۋاتقان بولۇپ، سوڭ فامىلىلىك بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىمەكچى بولغان.

21-مارت كېچە سائەت 2 دىن 15مىنۇت ئۆتكەن چاغدا، يېڭى شەھەر رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان، تېلېفوندا شەھەر ئاھالىسى ليۇۋ فامىلىلىك ئۆزىنى بېيجىڭ يولى بىلەن فۇيۇۋ يولى يول ئېغىزىدا، قانۇنغا خىلاپ سولغا بۇرۇلغان بىر ئاق رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ سوقۇۋەتكەنلىكىنى، ھادىسە سادىر قىلغان شوپۇرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ھەم ئۆزىنىڭ 110 غا دېلو مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يېڭى شەھەر رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. ھادىسە بىر تەرەپ قىلغۇچى ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ قاتناش ساقچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: بىز بارغاندا يارىلانغۇچى ئاللىبۇرۇن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يارىلانغۇچى ئۆزى ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغان، ساقچىخانىدىكى ساقچىلار ئاۋۋال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان، ۋەقە سادىر قىلغۇچى سوڭ فامىلىلىكمۇ نەق مەيدانغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

ۋەقە يۈز بېرىپ دېلو مەلۇم قىلىشتىن تارتىپ، دېلو سادىر قىلغۇچى قايتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا 40 مىنۇت كەتمەيلا، قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ قېچىپ كېتىش دېلوسى پاش قىلىنغان، ئەسلىدە ۋەقە يۈز بەرگەندە سوڭ فامىلىلىك قائىدىگە خىلاپ سولغا بۇرۇلۇپ، پىيادە كېتىۋاتقان ليۇۋ فامىلىلىكنى سوقۇۋەتكەن ھەم ماشىنىنى توختىتىپ تەكشۈرمەستىنلا نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن، ئۇ بېيجىڭ يولىنى بويلاپ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولىدىن ئوڭغا مېڭىپ، گۈللەندۈرۈش يولىغا بۇرۇلۇپ، ۋېنجۇ يولى تەرەپكە قاراپ بىر كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئاندىن ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ، پىيادە نەق مەيدانغا قايتىپ كەلگەن.

سوڭ فامىلىلىك قاتناش ساقچىلىرىغا مۇنداق دېگەن: شۇ چاغدا بىر نەرسىگە سوقۇلغاندەك بولدۇم، بىراق بەك قورقۇپ كەتكەچكە ماشىنىنى توختاتماي داۋاملىق ھەيدەۋەردىم، كېيىن ئويلىسام بۇ ئىشىم توغرا بولماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ماشىنىنى توختىتىپ، نەق مەيدانغا قايتىپ كەلدىم.

مۇخبىرنىڭ يېڭى شەھەر رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، يارىلانغۇچىنىڭ باش قىسىمىنىڭ سىرتى ۋە بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ يۇمشاق توقۇلمىلىرى زەخىملەنگەن بولۇپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن.

گەرچە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ ئەمما سوڭ فامىلىلىكنىڭ قىلمىشى قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. سوڭ فامىلىلىككە پىراۋىسى يوق ماشىنا ھەيدەش، ساختا يول يۈرۈش كىنىشكىسى ئىشلىتىش، قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ئۈچۈن جەرىمانە قويۇلىدىكەن ھەم مەمۇرى جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدىكەن.




خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek