IT ئائىلىسى تورى ئالدىنقى قېتىم نۇبىيا شىركىتىنىڭ 29-مارت يېڭى يانفونىنى سېتىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، نۆۋەتتە بۇ يېڭى يانفوننىڭ نۇبىيا پراگا ياكى نۇبىيا تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.بۈگۈن، نۇبىيا يانفونى ئىگە تەرەپ مىكرو بىلوگى بۈگۈن يېڭى يانفونىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغىنى، نۇبىيانىڭ يېڭى يانفونى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇر سۇنىڭ يانفونى نامىدىكى مىكرو بىلوگ تەرىپىدىن تارقىتىلغان.
قارىغاندا، نۇبىيا بۇ قېتىم يېڭى يانفونىنى بازارغا سېلىپلا قالماي، بەلكى سۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ئاساستا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغان بولسا كېرەك، مەسىلەن، نۇبىيا يانفونلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا سۇنىڭ ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى شەھەرچىسىدىن ئورۇن ئېلىشى ۋە نۇبىيا يانفونىنىڭ سۇنىڭ تەرىپىدىن ئالاھىدە زاكاز قىلىنغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلىشىمۇ مۇمكىن.
ئىلگىرى ئاشكارىلانغان سۈرەتلەر بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، سۇنىڭ شىركىتى نۇبىياغا 1.93 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان، بۇ مەبلەغ قوشۇلغاندىن كىيىن، سۇنىڭ نۇبىيانىڭ %60 پاي ھوقوقىنى ئۆز قولىغا ئالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىپ بېرىشىمۇ ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال.
ئىلگىرى ئاشكارىلانغان سۈرەتلەر بۇ قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى نۇبىيا يانفونىنىڭ تىپ نۇمۇرى «NX529J» بولۇشى مۇمكىن، ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P گە يېتىدىغان 5.0 دىيۇملۇق ئېكران، سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، سەككىز مىليون ۋە 16 مىليون پىكسېللىق كامېرا، قاتارلىقلار سەپلەنگەن، قوش 2.5D ئەينەك قەۋىتى ئىشلىتىلگەن، شۇنداقلا بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان. سۇنىڭ بىلەن نۇبىيا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكى 29-مارت ئايان بولىدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved