خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ئىچكى كابېنت يىغىنى 22-چېسلا قارار ماقۇللاپ، 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى قوغدىنىش قانۇنىنى رەسمىي يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېڭى چىقىرىلغان قانۇن — «خەلقئارا تىنچلىققا ياردەم بېرىش قانۇنى» بولۇپ، بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ياپونىيە خالىغان ۋاقىتتا ئېھتىياجغا قاراپ چەت ئەلگە ئەسكەر ئەۋەتەلەيدۇ ھەم باشقا دۆلەت ئارمىيەسىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 10 قانۇن بىر تۇتاش «تىنچلىق، بىخەتەرلىك قانۇن-تۈزۈم تەييارلىق قانۇنى» دەپ ئاتالدى، مەزمۇنىنىڭ كۆپىنچىسى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مەنبە: خەلق تورى
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved