قاتناش قانۇنىغا خىلاپ خاتىرىسى شەخسلەرنىڭ ئىناۋىتى بىلەن باغلىنىدۇ

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش ساقچى باش ئىدارىسى قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قاتناش ھادىسىلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ. قاتناش قانۇنىغا خىلاپ خاتىرىسى شەخسلەرنىڭ ئىناۋىتى بىلەن باغلىنىدۇ. خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش ساقچى باش ئىدارىسى جايلاردىكى ج خ قاتناش تارماقلىرىغا تاشيول كىرا ئاپتوموبىلى، ساياھەتچىلىك ھۆددە ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى قاتارلىق تۆت تۈردىكى نۇقتىلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىدا 2016 - يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، يولۇچىلار بەلگىلەنگەن ساندىن % 20 ئېشىپ كەتكەن، سۈرئەت % 20 تىن ئېشىپ كەتكەن، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، سەھەر سائەت 2 دىن سائەت 5 گىچە قاتناش چەكلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە باشقا بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىلغان ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان، قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپ ھەرىكەتلەر يۈز بەرگەنلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13 تارماق بىرلىشىپ تارقاتقان « چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئىناۋەت قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جايلاردىكى ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شۇ جايدىكى ئاخبارات تاراتقۇرلىرى، تور پونكىتى كۆزنىكى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق 2016- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش ساقچى باش ئىدارىسى جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ 122 قاتناش تورى (www.122.cn ) دە بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ ھەم ئىناۋەتلىك جۇڭگو تورى http://www.creditchina.gov.cn غا ئەۋەتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، سۇغۇرتا شىركىتى، باج ئورگىنى، ئىناۋەتلىك ئىجتىمائىي ئاپپارات قاتارلىق ئورۇنلارنى دەۋالاشقۇچىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرز پۇل نورمىسىنى باھالاش، سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى بېكىتىش، باج تاپشۇرۇش ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش، ئىناۋەت دەرىجىسىنى تەڭشەش ياكى نومۇر قويغاندا پايدىلىنىش ئۈچۈن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبە: خەلق تورى



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek