جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى يەڭدى


         بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 9:30 ئۆتكەندە جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئامېرىكا ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئوينىغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە 1-0 ئامېرىكا كوماندىسىنى يېڭىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئۇدا 22 مەيدان ئامېرىكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشتەك نەتىجىسىگە خاتىمە بەردى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئامېرىكا ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەڭ داڭلىق ماھىر ۋامباخنىڭ خوشلىشىش مۇسابىقىسى.

       2016-يىلى2-ئايدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەشىقنى باشلىغان بولۇپ، مۇشۇ يېقىندا ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە بىر مەيدان ئۇتۇپ، بىر مەيدان تەڭلەشكەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكىغا كېلىپ ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىغان. يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن 9 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ بىر مەيدانمۇ ئۇتۇپ باقمىغان. بۇ يىلىقى دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن. ئۈچ كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە 2-0 ئامېرىكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

       مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى ۋامباخ ئۈچۈن خوشلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋامباخ ئامېرىكا كوماندىسى ئۈچۈن 252 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 184 ئۇرغان. بۇ ئاياللار پۇتبول ساھەسىدە بولۇپلا قالماستىن دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە بۇزماق ئەڭ تەس بولغان رىكورىت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 37 مەيدان مۇسابىقىدە ھەر بىر مەيداندا ئىككىدىن توپ، 5 مەيداندا قالپاق ئويۇنى ئوينىغان، ئىككى مەيداندا ھەر بىر مەيداندا تۆت توپ ۋە بىر مەيداندا بەش توپ ئۇرغان.

    ئۇ توپ ئۇرغان مۇسابىقىلەردە ئامېرىكا كوماندىسى 116 مەيدان ئۇتۇپ، 8 مەيدان تەڭلىشىپ، 2 مەيدانلا ئۇتتۇرغان.

مۇسابىقىنىڭ 51-مىنۇتىدا جۇڭگو كوماندىسى 1 توپ ئۇردى. 72-مىنۇتىدا ۋامباخ مەيداندىن ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرىۋىتىلدى، توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭغا ئالقىش ساداسى ياڭراتتى.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
Powered by Leglek