شەرق تەرەپ تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈندىكى ئۇچۇرى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، ‹‹ئەتتىگەنلىك خەۋەر گېزىتى››نىڭ خەۋەر قىلشىغا ئاساسلانغاندا ، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى سوڭجىياڭ جامائەت خگۋىپسىزلىك ئىدارىسى مۇنداق بىر ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇردىغان دېلو مەلۇم قىلىش تېفۇنى تاپشۇرۋالغان بۇلۇپ ، بىر ئەر ساقچىخانىغا تېلفۇن قىلىپ :‹‹مىنىڭ ئىچىم سۈرۈپ قالغان ئىدى، قەغەز ئېلۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، خەلىق ساقچىسى ماڭا قەغەز ئەكىلىپ بەرسە .››دىگەن. بۇ غەلىتە ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىش تېلفۇنى جەمئىيەتكە ئاشكارلانغاندىن كىيىن شەھەر ئاھالىلىرنىڭ بىردەك مەسخىرسىگە ئۇچرىدى . بەزىلەرنىڭ قارشىچە ، ساقچى كۈچىنى قالايىمقان ئىشىلتىش غەرزىدە بۇلۇپ قەغەز تەلەپ قىلىپ تېلفۇن قىلىش ئەقىلگە سىغمايدىغان بۇلۇپ ، بۇنداق قىلمىىشنى تەشەببۇس قىلماسلىق كىرەك ئىكەن.
ساقچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، بۇ غەلىتە دېلو مەلۇم قىلىش تېلفۇنى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 6دىن 59مىنۇت ئۆتكەندە ئۇرۇلغان بۇلۇپ، ئورنى سوڭخۇي شەرقىي يولى سوڭجىياڭ ماشىنا بىكتىننىڭ شىمالىدىكى يىشىل بەلباغ ئىكەن. ساقچى تەرەپنىڭ ئاساسلىق دېلو ئەھۋالىنى خاتىرلەش رامكىسىدا يېزىلىشىچە :‹‹دېلو مەلۇم قىلغان كىشىنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغان، كىيمى پاسكىنا بۇلۇپ كەتكەن، ياردەم قىلىپ قەغەز ئاپىرىپ برىشكە مۇھتاج.››
بۇ دېلونىڭ ھالىتى ‹‹ساقلاش مۇۋاپپىقيەتلىك بولدى›› بۇلۇپ، ئەۋەتكەن ساقچىنىڭ خىزمەت نۇمۇرى ‹‹001543››ئىكەن. تۈنۈگۈن سوڭجىياڭ ساقچى تەرەپنىڭ دەلىللىشىچە يۇقارىقى ئەھۋال راسىت بۇلۇپ بۇ ئىش ھازىر يەنىلا تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
بۇ خىلدىكى دېلو مەلۇم قىلىش تېلفۇنلىرنى ساقچى تەرەپ رەت قىلۋەتسە بۇلامدۇ ؟ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا ، مەزكۇر شەھەرنىڭ بارىلىق 110 دېلو مەلۇم قىلىش تېلفۇنى ئەڭ ئالدى بىلەن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە جايلاشقان 110دېلو مەلۇم قىلىش سۇپىغا ئۇلنىدىكەن. ئارقىدىن ھەر تۈرلۈك ساقچى ئاخباراتى بىر-بىرلەپ رايون ۋە ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك تارماق ئورۇنلىرغا يوللىنىدىكەن. ئاندىن يەنە رايون ۋە ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىردىن ساقچىخانىغا يوللاپ بىرىلدىكەن. ئەڭ ئاخىردا ساقچىخانا خەلىق ساقچىسىنى دېلو يۈز بەرگەن نەخ مەيدانغا ئەۋەتىدىكەن. ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ، بۇيرۇق ساقچىخانىغا يوللىنىپ تاپشۇرۋېلىنسىلا خەلىق ساقچىسىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەن. مۇشۇ سەۋەبتىن قەغەز سوراپ ئۇرغان تېلفنغا ئاساسەن بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ ساقچىخانىغا يىتىپ كەلسە ساقچى چۇقۇم ھەركەتلىنىشى كىرەك ئىكەن.
بىر قىسىم جايلاردىكى غەلىتە دېلو مەلۇم قىلىش
شاڭخەي
2011يىلى 11-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىر ئۈچ تۆت ياشلىق كىچىك بالا 110غا تېلفۇن قىلىپ تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغاندا كارتون فىلىم چىقمىىغانلىقنى ئېيتقان ، تېلفۇننى ئالغان ساقچى بۇ خىل گۈدەكلەرچە ئاۋازنى ئاڭلاپ قىلچە تەنقىد قىلماستىن سىلق مۇئامىلىدە بۇنداق ۋاقىتتا كىچىك دوستنىڭ ئاپىسىنى ئىزدەش كىرەكلىكنى ئېيتىقان .
بىر مەس كىشى ساقچىغا تېلفۇن ئۇرۇپ توختىماستىن گەپنى چۈشنەلمىدىم دەپ تۇرۋالغان ، تېلفۇننى ئالغن ساقچى ئاپتوماتىك ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى ئېچىپ قويغان بىراق بۇ كىىشى ھىچنىمنى ئاڭقىرالماستىن ئاپتوماتىك مۇلازىمەت ئاۋازى بىلەن پاراڭلىشىپ كەتكەن.
2011-يىلى ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىچە قىسمەن ‹‹باجسىز كىرگەن›› تېلفۇنلارنىڭ 110غا تېلفۇن قىلالمايدىغانلىقنى ئاڭلىىغان كىشىلەر توختىماستىن 110غا تېلفۇن قىلىپ سىناپ باققان.
شۈجوۋ
بىر ئەر ئاالدى بىلەن دېلو مەلۇم قىلمايدىغانلىقنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كىيىن :‹‹مىنىڭ باشقا ئىشىم يوق ، بايا تېخى يېڭى تېلفۇن سېىۋالغان ئىدىم ، سۆزلىشىش ئاۋازىنى سىناپ باقاي دىگەن. ››دىگەن.
بىر ئەر ئۆيىنىڭ توك پۇلىنى تاپشۇرماي ساقچىغا تېلفۇن قىلىپ مۇنداق دىگەن:‹‹ساقچى يولداش ، سىلەر دەرھال توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسىگە بېرىڭلار ئۇلار بىزنىڭ ئۆينىڭ توكىنى توختىتۋەتتى ››دىگەن.
خاڭجوۋ
‹‹ۋەي ،110ما؟سىلەرنى بىر ئىشقا ياردەم قىلامدىكىن دىگەن. مىنىڭ بۈگۈن كارۋاتتىن قوپقۇم يوق شۇڭا ئەتتىگەنلىك تاماق ئەكىلىپ بەرسەڭلار.››
‹‹مەن بىلەن قىز دوستۇم بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ تۇرۋاتاتتۇق ، لىكىن بۇ ئۆيدە ھاۋا تەڭشىگۈچ يوق ئىكەن. ھاۋا بەك سسوۋۇپ كەتتى ، بىرەر ئادەم تېپىپ بەرسەڭلەر كىلىپ قىزدوستۇمنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ ئىسسىتىپ قويسا.››
‹‹ساقچى يولداش ، سىلەر بۇ ئىشقا ياردەم قىلمىىساڭلار قەتئىي بولمايدۇ ! كۈندە ئايروپلان بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ بەك شاۋقۇن پەيدا قىلدى، پەقەت ياخشى ئۇخلىيالمىدىم ، سىلەر ئامال قىلىپ ئايروپلاننى باشقا تەرەپكە ئۇچۇرتىۋەتسەڭلار.››
‹‹بايا تېلفۇن كىلىپ بىر مۈشۈكنى ماشىنىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كىتىپ چىققىلى ئۇنمىدى دەيدۇ ، خەلىق ساقچىسنىڭ دەرھال نەخ مەيدانغا بېرشىنى تەلەپ قىلمەن ، ئەگەر بارمايدىكەن مىكرو بىلوگدا (ئىش تېرىيمەن)››.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved