يىگىت قولدىشى تىلغا ئېلىنسا سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا بىر كېلىشكەن، ياش يىگىت نامايان بولامدۇ؟
لېكىن ئەنگلىيەدە 102 ياشلىق دۇنيادىكى ئەڭ قېرى يىگىت قولدىشى بار.
بۇ كىشىنىڭ ئىسمى دەن كلەيمېنت، شوتلاندىيەنىڭ دىنفېلىس ئەتراپىدا، بىر دەم ئېلىشقا چىققان دېھقان. ئۇ بۇ يىل 6-ئايدا يېقىن دوستىنىڭ تويىدا يىگىت قولداش بولۇپ 2014-يىلى 1-ئايدا 96ياشلىق رونالد خوئىن ياراتقان دۇنيا رېكورتىنى بۇزدى.
ئەنگلىيە «ئەينەك»گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇ ئايدا كلەيمنت ئاخىرى ئۆزى تۇرىۋاتقان ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە جېننىس رېكورتى ئورگىنى ئەۋەتكەن گۇۋاھنامىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «دۇنيادىكى ئەڭ ياشانغان يىگىت قولدىشى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
كلەيمەنتنى يىگىت قولدىشى بولۇشقا تەكلىپ قىلغىلىنى 74 ياشلىق ئالېكس لىتېر ئىكەن. لىتېرنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئايالى سۇزەن دەيۋى بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغاندىلا كلەيمەنتنى يىگىت قولدىشى قىلىشنى ئويلىغان.
« مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى ناھايىتى ئۇزۇن يىل بولدى، يىگىت قولدىشى بولۇشتا ئۇنىڭ يېشىنى قىلچە ئويلىشىپ قالمىدىم. مەيلى ئۇ 120ياش ياكى 102 ياش بولسۇن ئۇ يىگىت قولدىشىنىڭ بىردىنبىر نامزاتى» دېدى.
توي مۇراسىمىدا كلەيمەنت يەنە ئازراق ۋىسكى ئىچكەن. كلەيمەنتنىڭ ئىككى بالىسى، تۆت نەۋرىسى بىر چەۋرىسى بار. ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم قولداش بولۇشى 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى ئىش ئىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved