كۆرسەتمە : ئۇلار ئىلگىرى دۆلەت ئەركىسى ئىدى، ئۇلار كۆمۈر كاننىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقانلىققا گۇۋاھ بولغان بولغان ئىدى. كېچە - كۈندۈز ئىشلەپ، كەيىپ-ساپاسىز ئۆتكەن، كۆمۈر كاندىكى چاقناپ تۇرغان چىراغلار ۋە قۇدۇق قېزىش ئەسلىھەلىرى ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقتى ۋە ياشلىق باھارىنى بۇ پارچە قارا يەرگە تەقدىم قىلغان ئىدى.
يى پىڭ كۆمۈرلۈكى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان . «لېڭ شۈي جياڭ شې» كۆمۈرلۈكى جىنجۇ تېغى كان رايون غەربىي جەنۇب تەۋەلىكىدىكى جاي بولۇپ، 1956-يىلى قۇرۇلغان، 1958-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەخمىنەن 270 مىڭ توننا.
كۆمۈر قېزىش ئىشچىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك خىزمەت تەرتىپى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن خەتەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تەتۈر تۈۋرۈك، يۆتكەلمە لىم، دۈمبە چوققا، نور ياتقۇزۇش، كۆمۈر چىقىرىش، تىرەك جازا، قالدۇق كۆمۈر سۈپۈرۈش، تۆشۈك تېشىش، دورا قاچىلاپ پارتلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈرەتتە : «106-نومۇرلۇق كان ئىشچىسى» تورۇسنىڭ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقنى بايقاپ، بارلىق ئىشچىلانى ئومۇميۈزلۈك ئاگاھلاندۇرماقتا، كۆمۈر قېزىش ئىشچىلىرى كۆمۈر قېزىش ھۈنىرىنىڭ يۇقىرى ھەم جاپاغا چىدايدىغان بولۇشىدىن باشقا يەنە، بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
يى پىڭ كۆمۈر كانىدىكى گاز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تەھدىت سالىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان. بۇ كاندا ھازىر ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئورنى، شىغىل ئېلىش ئورنى، قىزىش رايونى ۋە ئۈچ قېزىش ئەترىتى بار. سۈرەتتە : كۆمۈر قېزىش ئىشچىسى جوتو قاتارلىق قوراللار بىلەن كۆمۈر قازماقتا.
تورۇس ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش بىر ماسلىشىش جەريانى بولۇپ، بىر ئادەم تىرەپ تۇرۇش، بىر ئادەم تىرىگۈچى تاختىنى كۆزىتىش تۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىخەتەر مەشغۇلات ئىلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved