جۇڭگونىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى پەلەستىن -ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنى داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مۇراجىئەت قىلدى
18-سېنتەبىر، ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا، جۇڭگونىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى گوڭ شياۋشېڭ ئىئوردانىيە باش ۋەزىرى ئەنسۇر بىلەن كۆرۈشتى.
ئىئوردانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگونىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى گوڭ شياۋشېڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : جۇڭگو نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە، بولۇپمۇ يېقىندا غەززەدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. جۇڭگو پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنى شەرتسىز ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئەستايىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مۇراجىئەت قىلىدۇ .
XX
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved