يەر شارى خەۋەر تورى 19-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيتىدە بىلەت تاشلىغۇچىلار دۆلەتنىڭ يېڭى پرېزىدېنتىنى سايلاش ئۈچۈن سايلام ساندۇقىغا بىلەت تاشلىماقتا. سايلامدا بەش مۇستەقىل نامزات بولۇپ جەمئىي 7 كىشى رىقابەتلىشىدۇ. نامزاتلار پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى ئۈچۈن ئاۋازنىڭ يۈزدە 50% كە ئېرىشىشى كىرەك. نامزاتلاردىن ھېچبىرى بۇ نىسبەتكە ئېرىشەلمىسە سايلام ئىككىنجى باسقۇچقا قالىدۇ ۋە 26-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىككى نامزات ئارىسىدا قايتا سايلام ئۆتكۈزىلىدۇ.
سايلامغا ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پرېزىدېنت دەرۋىش ئەر ئوغلۇ ۋە بىر مەزگىل سىپرۇس مۇزاكىرىسىدە مۇزاكىرىچى بولغان قۇدرەت ئۆز ئەرساي مۇستەقىل ھالدا، ۋە جۇمھۇرىيەت مەجلىسى باشلىقى سىبەل سىبەر جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيىسى-مىللىي كۈچلەرنىڭ نامزاتى بولۇپ رىقابەتلىشىدۇ. سىپرۇس سوتسىيالىستىك پارتىيىسىدىن مۇستاپا ئونۇر ئەر، مۇستەقىل نامزاتلاردىن مۇستاپا ئۇلاش، مۇستاپا ئاكىنجى ۋە ئارىف سالىھ قىرداغ سايلامغا قاتنىشىدۇ. يېڭى پرېزىدېنت 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 08:00 دە سايلام ساندۇقى ئېچىلغان بولۇپ كەچ 18:00 دە تاقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىلەت ساناپ چقىلىدۇ. رەسمى بولمىغان سايلام نەتىجىسى كەچ 22:00 دە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. سايلام قانۇنىغا ئاساسەن سائەت 19:00 غا قەدەر سايلام نەتىجىسىگە ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىنمايدۇ. 19:00-21:00 ئارىسىدا ئالى سايلام كومىتىتىدىن نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ ۋە 21:00 دىن كېيىن ئاخبارات چەكلىمىسى بىكار قىلىنىدۇ.
شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيتىدە 176 مىڭ 916 بىلەت تاشلىغۇچى، 693 سايلام ساندۇقىدا بىلەت تاشلايدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved