سىنا تەنتەربىيىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 2014-2015 مۇسابىقە پەسلى جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ پەسىلدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما ( 38-ئايلانما ) مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. دوڭگۈەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بېيجىڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە دوڭگۈەن كوماندىسىغا نىسبەتەن ھايات ماماتلىق جەڭ بۇلۇپ پەقەت ئۇلار ئۇتتۇرسىلا پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدىن قۇرۇق قالاتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دوڭگۈەن كوماندىسىدىن بۇران 46 نومۇر ئالدى ھەمدە 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. ئاخىرىدا دوڭگۈەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 112-104 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە قەدەم قويدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ كوماندىسىدىن مەيدانغا چىققان 12 نەپەر توپچىدىن 10 توپچى ھەممىسى نومۇر ئالدى. مورىس 36 نومۇر ئالدى. 11 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. ماربول ئاران 9 نومۇر ئالدى ھەمدە 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
دوڭگۈەن كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار : بۇران . خې جوڭ مىيەن. جاڭ كەي. گۇ چۈەن. لى مۇ خاۋ.
بېيجىڭ كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار : ماربول. سۈن يۆ. خو شىياۋ چۈەن. جى جې. جاڭ سوڭ تاۋ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved