تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇيەر ۋاقتى 16-دېكابىر كەچتە بومبايدىكى چاتراپتى شىۋاج خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئۇچۇشقا تەييارلانغان بىر ئايروپىلاننىڭ ماتورى بىر ئايرودروم خادىمىنى سۈمۈرۈپ ئەكىرىپ كېتىپ، بۇ كىشىنىڭ نەق مەيداندا جان ئۈزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئېگىلىنىشىچە، نومۇرى AI619 بولغان ھىندىستان ئاۋىئاتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەينى ۋاقىتتا بومبايدىن خەيدراباد شەھىرىگە ئۇچقان بولۇپ، ياردەمچى ئۇچقۇچىنىڭ سىگنالنى خاتا بېرىشىدىن ماتور قوزغالغاندا بۇ كىشى سۈمۈرۈلۈپ ماتورنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن.
ھىندىستان ئاۋىئاتسىيەسىدىكى بىر كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ياردەمچى ئۇچقۇچى ماتورنى قوزغىتىدىغان سېگنال بېرىلدى، دەپ قىلىپ، ماتورنى قوزغاتقان، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا بىر كىشى ماتورغا يىراق بولمىغان جايدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ماتور قوزغالغاندا بۇكىشى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved