لاتارىيەدىن چىققان 100 مىڭ يۈەن ئامېرىكا دوللىرى قايتۇرىۋېلىندى

     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامىرىكىنىڭ لوۋا شىتاتىدىكى بىر ئەر لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتى چىققان، بۇ ئەسلىدە بىر خوشاللىق ئىش ئىدى، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ساختا ئىسپات بىلەن مۇكاپات ئالغان ھەمدە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش يېشىغا توشمىغان دەپ پاش قىلىنغان. ھازىر مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ زور مۇكاپاتنى قايتۇرىۋېلىپلا قالماي يەنە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان.خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ يىل 7 – ئايدا 20 ياشلىق (Jobie Boals-Watters)  ۋولتىرس قانۇنسىز سېتىۋېلىپ مۇكاپات چىققان بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى بىلەن مۇكاپاتنى ئالغان، ئۇ قانۇن بېكىتكەن 21 ياش لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش يېشىغا توشمىغانلىقتىن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قىمار ئويناش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

     ۋولتىرس مۇكاپاتنى ئالغاندا لاتارىيە تارقاتقان بانكىغا، مۇكاپات چىققان لاتارىيەنى خىزمەتدېشىم ياردەملىشىپ ئېلىپ بەرگەن دېگەن، باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش شەكلى لوۋا شتاتىنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغاچقا ئۇ باج تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى 70 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئوڭۇشلۇق ئالغان.

     كېيىن ۋولتىرسنىڭ مۇكاپات ئالغاندىكى رەسىمى تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن باشقىلار ئۇنى پاش قىلغان، لاتارىيە بېلىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى  پاش قىلىش مەزمۇنىنىڭ راستلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن مۇكاپاتنى قايتۇرىۋېلماقچى بولغان.

     لوۋا شىتاتى لاتارىيە سېتىش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى: دۇكاندىكى سىنكۆزدە ۋولتىرس ھەقىقەتەن ئۆزى بېرىپ لاتارىيە سېتىۋالغان، شۇڭلاشقا بۇ قېتىمقى مۇكاپات بىكار قىلىندى، ئۇنىڭ قىلمىشى لوۋا شتاتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن – نىزامىغا خىلاپ دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋولتىرس لاتارىيە سېتىۋالغاندا دۇكاندارغا 21 ياشقا كىرىپ بولدۇم دەپ يالغان سۆزلىگەن.

    لاتارىيە بېلىتى ساتقان دۇكانمۇ جازالانغان، چۈنكى خوجايىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ لاتارىيە سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۈنۈملۈك كىملىكىنى تەكشۈرمىگەن.



خەتكۈچلەر:
28-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek