لى كېچىياڭ بىلەن تايلاند زۇڭلىسى بايۈ بانكوكتا مۇھىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى

سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچىياڭ بانكوكتا تايلاند زۇڭلىسى بايۈ بىلەن كۆرۈشتى .لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹بۇ قېتىم تايلاندقا بۈيۈك مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىساد ھەمكارلىرىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلدىم بۇ مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن تايلاند تۆمۈر يول ،يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ،سودا ھەمكارلىقى ئەسلىمىسىنى ئىمزالايدۇ ،بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تەڭ مەنپەئەتلىنىش ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى .مەزكۇر رايوننىڭ ئۇل -ئەسلىھە قۇرۇلۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ ،ئەشيا ئوبروتىنىڭ راۋانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ خادىملار ئالاقىسىگە قولايلىق يارىتىشقا [پايدىلىق جۇڭگونىڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلىرىنى سىرىتقا چىقارغاندا زىيادە ئىشلەپچىرىش ئىقتىدارىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپلا قالماي جۇڭگو ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ›.
لى كېچىياڭ ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو تايلاند تۆمۈر يولىنىڭ نۆۋەتتىكى ئالاقىدا خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۈرنىڭ بالدۇرراق باشلىنىشىغا ياخشى ئاساس سېلىشقا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .بايۈ تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن لى كېچىياڭنىڭ تايلاندقا بۈيۈك مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىساد ھەمكارلىقى 5-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقانلىقى كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹تايلاند بىلەن جۇڭگو ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان دوستلار تايلاند ،تايلاند جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ .جۇڭگو بىلەن تۆمۈر يول ۋە يېزا -ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش تايلاندقا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .مەزكۇر رايوننىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ،تايلاند جۇڭگو بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئالاقىدا ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ،ھەمدە كېلەر يىلدىكى ئىككى دۆلەت دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ،ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرىدۇ ،جۇڭگو بۈيۈك مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى ھەمكارلىق رايونىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن بۈيۈك رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى .
مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مەركىزى شەھەر بانكوكتا تۇرۇپ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى :‹شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن زۇڭلى لى كېچىياڭ بۇ يەردە بۈيۈك مىكون دەرياسى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ،يىغىندا زۇڭلى لى كېچىياڭ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ كەسپى ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى پۇل -مۇئامىلە بىلەن قوغداشنى كۈچەيتىپ ،خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ رايون تەرەققىياتىنىڭ ئېچىۋىتىش بىرلەشمە ھەرىكەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ ،مەزكۇر رايوننىڭ ئۇۇزن مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى .
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹ئاسىيا دۇنيا بويىچە ئېشىش ھاياتىي كۈچىگە ئىگە رايون ،بۇ مەزكۇر رايوننىڭ تىنىچ مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتىدىن رايون ۋە ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشتىن كەلگەن ،جۇڭگو تىنىچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي ماڭىدۇ ،دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوللايدۇ ،جەنۇبىي دېڭىز يېرىم ئارىلىدىكى بەش دۆلەت جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ يېقىن قوشنىلىرى ،جۇڭگو داۋاملىق دوستانە سەمىمىىي ،كەڭ قورساق بۇلۇپ ،بەش دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ رايون .ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ ،مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشى مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
23-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek