ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەنتلەردە تەنتەربىيە–چېنىقىش ئەسلىھەلىرى ئومۇملاشماقتا

      جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنت ئاھالىلىرى قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتلىرىدا ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئويناش، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدە چېنىقىشنى تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرماقتا.

      بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدا، يەنى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 3158 كەنتتە 125 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار بەدەن چېنقتۇرۇش قۇرۇلۇشى›› پۈتۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاندى، بۇنىڭ بىلەن تەنتەربىيە پائالىيىتى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدى.

بۇ قۇرۇلۇشتىن بىۋاسىتە مەنپەئەتلەنگەن كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى پەيزاۋات كەنتىدىكى ياسىن كۈندە دېگۈدەك كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا چېنىققىلى كېلىدۇ. ئۇ: ياشلار بىلەن كۈندە ۋاسكېتبول ئوينايدىغان بولدۇم، ئادەم چېنىقىپ تۇرسا ھەم ساغلام، ھەم تېتىك بولۇپ قالىدىكەن، دېدى.

    60 ياشلىق ياسىننىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى، ئۆزىمۇ روھلۇق، ئەمەلىي يېشىدىن خېلىلا ياش كۆرۈنەتتى. ئۇ: كەنتىمىزدە ئىلگىرى توپ مەيدانى بولمىغاچقا، ئۆيۈمدىن نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىغا بېرىپ چېنىقاتتىم. بەزىدە ئىشىك تاقاق بولسا، چېنىقالماي قايتاتتىم. ھازىر كەنتىمىزدە مەيدان بولغاچقا، بىز ياشانغانلارغا قولايلىق يارىتىلدى، ياشلارمۇ كۈندە دېگۈدەك كېلىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان، مەيداندا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۈزۈلمەيدىغان بولدى، دېدى.

      ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 1558 كەنت، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 613 كەنت، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 56 كەنتتە ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى›› تولۇق تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ قۇرۇلۇش خوتەن ۋىلايىتىدىكى 931 كەنتنىڭ %95 ىدە تاماملانغان بولۇپ، قالغىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن.

      ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان بەش يىل بولدى. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە دەرىجىلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت مەركىزىدىن 58نى، يېزا – بازارلاردا دېھقانلار بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن 185نى، كەنت ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى››دىن 6202نى تاماملىدى، تەنتەربىيە باغچىسىدىن سەككىزنى، مەھەللە بەدەن چېنىقتۇرۇش كۇلۇبىدىن ئوننى، مەھەللە كۆپ ئىقتىدارلىق تەنھەرىكەت مەيدانىدىن 15نى سالدى. ‹‹شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىغان، نىسبەتەن ئارقىدا قالغان رايوندىن بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، ئىلغار رايونلار قاتارىغا كىردى››.

     ئىگىلىشىمچە، 2010 – يىلىدىن 2014 – يىلى 5 – ئايغىچە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايون تەنتەربىيە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 346 مىليون 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە، شەھەر، يېزا، بازار، كەنتلەردە بىر تۈركۈم تەنتەربىيە مەيدانى ۋە تەنتەربىيە سارايلىرىنى سالدى، بۇنىڭ بىلەن پۇقرالار مەھەللىسىدىلا بەدەن چېنىقتۇرالايدىغان بولدى.

لى گۇاڭمىڭ ھاياجانلانغان ھالدا: ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ساغلام بولۇش كېرەك، دەيدىغان قاراش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. ھازىر شەھەر ۋە يېزا – كەنتلەردە، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. تەنتەربىيە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى پۇقرالارنى ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇشقا يېتەكلەيدۇ، دېدى.



خەتكۈچلەر:
01-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek