12-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەندۇڭ جېنەن شەھىرىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى- ۋاڭ شۇەن فېي قىزىل رەڭلىك تۇلپار mini تىپلىق پىكاپ تەرىپىدىن سوقۇۋىتىلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئەمدىلا 42 ياشقا كىرگەن قاتناش ساقچىسى- ۋاڭ شۇەن فېي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ۋەقە سادىر قىلغۇچى بولسا 25 ياشلىق ئايال شوپۇر بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا يانفوندا سۆزلەشكەنلىكتىن بۇ پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئايال شوپۇر يىغلاپ كەتكەن.
12-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، ۋاڭ شۇەن فېي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، كۆۋرۈكتىن چۈشۇۋاتقان قىزىل رەڭلىك تۇلپار ماركىلىق پىكاپ ئۈستىگە نۇر قايتۇرۇش كىيىمى كىيىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋاڭ شۇەن فېينى سوقۇپ ئۇچۇرۇۋەتكەن. بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ۋاڭ شۇەن فېي ماشىنىغا قاتتىق سوقۇلغانلىقتىن يەرگە چۈشكەندىن كېيىنمۇ نەچچە دومىلاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ باش قىسمى ۋە ئاغزىدىن توختىماي قان ئېقىشقا باشلىغان. ۋەقە سادىر قىلغان قىزىل رەڭلىك تۇلپار mini پىكاپىنىڭ ئالدى ئەينىكىمۇ سۇنۇپ پارە-پارە بولۇپ كەتكەن.
ۋەقەگە ئۇچرىغان ۋاڭ شۇەن فېي شۇ كۈنى ئاخشىمى بەختكە قارشى قازا قىلغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نەق مەيداندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان يەنە بىر نەپەر قاتناش ساقچىسى خەن فامىلىلىك ئايال شوپۇرنى نەق مەيداندا كونتىرول قىلغان. خەن فامىلىلىك ئايال شوپۇر ساقچىنى سوقۇۋەتكەندىن كېيىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ توختىماي تىترەپ، يىغلاپ كەتكەن بولۇپ، كەينىدىن ئالاقىدار خادىملار ئۇنى نەق مەيداندىن ئېلىپ كېتىپ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
12-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىنەن شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ۋەقە سادىر قىلغان خەن فامىلىلىك ئايال شوپۇر ئەينى چاغدا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋىتىپ يانفوندا سۆزلەشكەنلىكتىن بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە سادىر قىلغان خەن فامىلىلىك شوپۇر 1990-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن ئىكەن.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved