شۇ جاي ۋاقتى 14-ئىيۇل دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ فورتالىزادا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارغا ئىگە دۆلەتلەر، مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىدە تۇرماقتا، ئەڭ قەدىرلەيدىغىنى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات. قول تۇتۇشۇپ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، كەڭ قورساق تەرەققىي قىلىش- ئىككى دۆلەتتىكى 2 مىليارد 500 مىليون خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىدۇ، رايون ھەتتا دۇنياغا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كۈچى قوشۇش- بىزنىڭ ئەڭ زور ئورتاق مەنپەتىمىزنىڭ ئاساسى. مەن سىز بىلەن بىرگە جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىمىزنى، ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايمەن.
مودى مۇنداق دېدى: مەن سىز بىلەن زىچ ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى خالايمەن، سىزنىڭ يېقىندا ھىندىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن، مەن قولاي بولغاندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنى خالايمەن. ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىناق بىللە تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى دۇنيا ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن زور تۆھپە.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئىختىلاپلارنى پائال ۋە ئالغا قاراش پوزىتىسىيەسى بىلەن كونترول قىلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق، ئادىل مۇۋاپىق، ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسىنى بالدۇرراق تېپىپ چىقىشى كېرەك. ئاخىرىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن بۇرۇن، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغدىشى لازىم.
مودى مۇنداق دېدى: ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مەسىلىسىنى ھازىرقى مېخانىزم ئارقىلىق، دوستانە كېڭىشىش شەكلى ۋە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدۇ. ھىندىستان بىلەن جۇڭگو خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved