مىسىر پارلامىنتى سايلىمى كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن

 

چەتئەل  تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇسى ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 22-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى 21-دېكابىر پارلامىنېت سايلىمى سايلام رايونى قانۇنىنى ئىمزالىغان شۇنىڭ بىلەن پارلامىنېت سايلىمىغا بېلەت تاشلاش يولى ئېچىلغان .
يېڭىدىن سايلانغان پارلامىنېت سايلىمى سايلام رايونى قانۇنىغا ئاساسەن مىسىر يېڭى پارلامىنتىدا 567 ئورۇن تەسىس قىلىنىدۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى 420ئورۇن ھېچقانداق پارتىيە گۇرۇھقا تەۋە بولمىغان مۇستەقىل پارلامىنېت ئەزالىرىغا ،120 ئورۇن پارتىيە گۇرۇھلار پارلامىنېت ئەزالىرىغا تەۋە بۇلۇپ ،باشقا 27 ئورۇندىكى پارلامىنېت ئورنىنى زۇڭتۇڭ ئۆزى بىۋاستە تەيىنلەيدۇ .مىسىر 244 سايلام رايونىغا ئايرىلغان .ئۇنىڭ ئىچىدىكى 237 سايلام رايونىدىكى نامزاتلار يېڭى پارلامىنىتتىكى مۇستەقىل پارلامىنېت ئەزالىرى ئورنىنى ،بىر قەدەر چوڭ تۆت سايلام رايونى ئورنىنى پارتىيە گورۇھلۇق زاتلار پارلامىنېت ئورنىنى تالىشىدۇ .ھەر بىر بىر قەدەر چوڭ سايلام رايونىنىڭ ھەممىسى بىر نەچچە چوڭ ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىي مىسىر پارلامىنتى سايلىمىغا بېلەت تاشلاشنىڭ كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كونكرېت ۋاقىتنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى .پارلامىنېت سايلىمى بۇلتۇر 7-ئايدا مۇرسىي زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتى بېكىتكەن سىياسىي يول خەرىتىسى پىلانىنىڭ ئۈچىنچى قەدىمى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قەدىمى بۇلۇپ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مىسىر يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قۇيۇش ۋە زۇڭتۇڭ سايلىمىنى غەلىبىلىئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كونكرېت ۋاقىتنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى .پارلامىنېت سايلىمى بۇلتۇر 7-ئايدا مۇرسىي زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتى بېكىتكەن سىياسىي يول خەرىتىسى پىلانىنىڭ ئۈچىنچى قەدىمى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قەدىمى بۇلۇپ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مىسىر يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قۇيۇش ۋە زۇڭتۇڭ سايلىمىنى غەلىبىلىك تاماملىدى .
مىسىر قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 29 – نويابىر مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئىسرائىلىيەگە تەبىئىي گازنى بازار باھاسىدىن تۆۋەن باھادا ئېكسپورت قىلىپ قانۇنسىز پايدا ئېلىش قىلمىشلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇبارەك ئۆمۈرۋايەت قامىلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

ئوتتۇرا شەرق تەھلىلچىلىرى مۇنداق قارىدى: بۇ ھۆكۈم مىسىردىكى ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ ئۆزئارا كۈچ سىناشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ، مىسىر جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.مىسىر سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنى قايتا – قايتا سوتلىغان بولۇپ، سوت قىلىش جەريانى تولىمۇ ئوڭۇشسىز بولغان.مىسىردا 2011 – يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرى ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەمدە ئېتىراز بىلدۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن، مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. شۇ يىلى ئاپرېلدا ئۇ سوراققا تارتىلغان. 2012 – يىلى ئىيۇندا قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنى ئۆمۈرۋايەت قامىلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. مۇرسى مىسىرنىڭ زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، مۇبارەككە بېرىلگەن جازا «ئېغىر بولمىغان» دەپ قاراپ، مۇبارەكنى قايتا سوتلاشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، سوت قىلىش كۆپ قېتىم كېچىكتۈرۈلۈپ، 2013 – يىلى 10 – ئىيۇنغا كەلگەندە ئاندىن رەسمىي سوت ئېچىلغان.

مىسىردىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق قارىدى: مۇبارەك مىسىرغا 30 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان رەھبەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى سوتلاش جەريانىنىڭ سىياسىيلىشىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، سوت قىلىش جەريانىنىڭ ئۈچ يىلغا سوزۇلۇشى ۋە قايتا – قايتا سوت قىلىنىشى مىسىردىكى ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ كۈچ سىناشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.مۇبارەكنىڭ بىگۇناھ دەپ ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا مىسىرنىڭ ھازىرقى ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتى سەۋەب بولغان. 2013 – يىلى ئىيۇلدا سېزى رەھبەرلىكىدىكى ھەربىي دائىرىلەر مۇرسىنى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، مىسىردىكى سىياسىي توقۇنۇش ھەربىي دائىرىلەر بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئۆزگەرگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇبارەك زىددىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولمىغان، ھەربىي دائىرىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى خېلىلا يۇمشىغان، ئامما بىلەن جامائەت پىكرىمۇ ئۇنى «ئۆتۈپ كەتكەن تارىخ» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ دېلوسىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالغان.سوت مەھكىمىسى مۇبارەككە بىگۇناھ، دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مىسىر تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ھۆكۈمگە قارىتا نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن، جامائەتچىلىك بۇ دېلونى قايتا سوت قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن كىچىك، دەپ قارىغان.مىسىر جامائەتچىلىكى مۇنداق قارىدى: يۇقىرىقى ھۆكۈمنىڭ مىسىر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئەكس ئېتىشى مۇمكىن:

بىرىنچى، سابىق مۇبارەك ھۆكۈمىتى ئەزالىرىنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. قىسمەن تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: مۇبارەك ئەزا بولغان ئىلگىرىكى مىللىي دېموكراتىك پارتىيەنىڭ ئەزالىرى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مىسىر پارلامېنت سايلىمىغا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى، ئۇلار پارلامېنت سايلىمىدا كۆپ ساندىكى ئورۇنغا ئېرىشمەكچى، مۇبارەكنىڭ ئۈستىدىن بىگۇناھ، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى ئۇلارغا نىسبەتەن زور ئىلھام بولدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر: ھازىرقى سېزى ھۆكۈمىتى بىلەن مۇبارەكنى قوللىغۇچىلارنىڭ چېگراسى ئىنتايىن ئېنىق، سېزى مۇبارەكنى قوللىغۇچىلارنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، دەپ قارىدى.ئىككىنچى، ئىلگىرى «2011 – يىل ئىنقىلابى»نى قوزغىغان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ تەقدىرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. سىياسىي تەھلىلچى ئابدۇللا مۇنداق قارىدى: ئەينى چاغدا «ئىنقىلاب» قوزغىغان بۇ ياشلار تەشكىلاتى ھۆكۈم نەتىجىسىدىن چوقۇم غەزەپلىنىدۇ، ئۇلار غەزىپىنى بېسىۋالغان تەقدىردىمۇ، كېيىنچە غەزىپىنى باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ.ئۈچىنچى، ساقچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىياسىي تەھلىلچى جاۋاد مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ھۆكۈم ھەربىيلەر بىلەن ساقچىلارنى ئەندىشىدىن خالاس قىلدى، ئۇلار نامايىشچىلارغا داۋاملىق قورال كۈچى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. لېكىن، قىسمەن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ھەربىيلەر بىلەن ساقچىلارنىڭ قورال كۈچىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىش – پايدىلانماسلىقى مىسىردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي خاھىشىغا باغلىق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قورال كۈچىدىن بەك كۆپ پايدىلىنىش ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى مۇستەھكەملىشىگە پايدىسىز.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK

 



خەتكۈچلەر:
25-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
     30-ئاپرېل، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ تولۇقلىما سايلىمىنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىسلاھاتچىلار روشەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ...
02-05-2016
     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ماي ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ساماۋا شەھىرىدە ئىككى قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈزبېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گ...
02-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە تاراتقۇسى بولغان «دەۋر گېزىتى» ۋە دۇنيا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (Cihan) دىكى 400 مۇخبىر «خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلىش»، «شىركەت ئوبرازىغا تەس...
02-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر، مالايسىيا خەلقى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا يىغىلىپ ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىبنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. ...
02-05-2016
يەمەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى شېيىخ ئەخمەدكە قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، يەمەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۇۋەيت تىنچل...
02-05-2016
    ئىران پرېزىدېنتى روھانىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گيۇنھى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ 1962-يىلى ئىككى دۆلەت دىپ...
02-05-2016
    ياپونىيە مېدىيەلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 30-ئاپرېل بېيجىڭ دىياۋيۈتەيدە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا سۆھبەتلەشكەن، فۇمىئو كىشى...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
Powered by Leglek