جاھاندا جۇڭگو ئىقتىسادىنى چۈشۈرىدىغان يەنە بىر نۆۋەتلىك جامائەت پىكرى تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگونى يەنە بىر قېتىم «ئوتقا ئىتتىرىپ»، قۇربانلىق قوي قىلماقچى بولدى.
رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، پۇتىن ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەگە ئەڭ چوڭقۇر زىيان سالغىنى نېفىت، نېفىت باھاسىغا زىيان سالغىنى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى، چۈنكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئېشىشى ئاستىلاپ، يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەبچى بولدى» دېدى. ئىقتىسادشۇناس سوروس يەنە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى قاتتىق چۈشىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى، خۇددى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا بىرەر ئىش بولغاندەك. پۇتىننىڭ بۇنداق تەلەپپۇزىدىن جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ مال باھاسىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك دېگەندەك مەنا چىقتى.
رۇسىيە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن سۈرىيەگە ئەسكەر كىرگۈزۈشتە جۇڭگونى خەۋەرلەندۈرمەيلا قالماستىن، ھەتتا ئامېرىكىنىمۇ كۆزگە ئىلىپ قويمىدى. ئەگەر پۇتىننىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدارى بولغان بولسا، پۇتىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلىش كەتمەيتتى. ھازىر ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت بىرلىكتە جازا يۈرگۈزۈپ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى بەرداشلىق بېرەلمەس قىلىپ قويدى، رۇبلىنىڭ قىممىتى قايتا- قايتا چۈشتى، نېفىت باھاسىنىڭ ئەۋزەللىكى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، بىتچىت بولۇش گېردابىغا بېرىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۇتىن رۇسىيە دۇچ كەلگەن پايدىسىز ۋەزىيەتنى تۈزەشكە كۈچىمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ جۇڭگودىن ھەزەر ئەيلەش پسىخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، مەسىلىنى جۇڭگوغا ئارتىپ، دىققەت نۇقتىسىنى بۇرىماقچى بولدى، بۇ ئىش ھەم كىشىنى غەزەبلەندۈرىدۇ، ھەم كۈتۈلمىگەن يەردىن چىقتى. رۇسىيەنىڭ ھالاكەت گېردابىغا بېرىپ قالغاندا جۇڭگونىمۇ بىللە ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن ئىش ئەمەس.
پۇتىننىڭ جۇڭگونىڭ نارازى بولۇشىدىن قورقماي ئەڭ ئوسال پەيتتىمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «مەخپىيەتلىكى»نى ئىقرار قىلىشىغا ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ۋە جاھانغا پاتماي قالىدىغان پسىخىكىسى سەۋەبچى بولغان. رۇسىيەنى سودىدا زىيان تارتقۇزماسلىق، زىيان تارتىشقا بولماسلىق، زىيان تارتىشنى خالىماسلىق تۇيغۇسى ئۇنى تىپىك كۆنمىگۈچىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ئەستايىدىل ئويلاپ باقساق، ئەمەلىيەتتە پۇتىننىڭ قارىشىچە، ھازىرقى جاھان رەھبەرلىرى ئىچىدە، كۆزىگە سىغىدىغانلار تولىمۇ ئاز؛ رۇسىيەنىڭ سابىق رەھبىرى ئىچىدىمۇ كۆزىگە ئىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك؛ پۇتىننىڭ يېقىندا «لېنىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دېيىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن بولغان. مانا مۇشۇنداق چەكتىن ئاشقان ئۆزىنى چوڭ بىلىش تۇيغۇسى پۇتىننى جاھاننىڭ ئاساسلىق ئېقىمىدىن ئايرىپ قويدى. شۇڭا پۇتىن بىرەر ئىش قىلسا، ھامان ئۆزىنى ئىنتايىن چوڭ چاغلايدۇ، باشقىلارنىڭ قىلغىنى ئۇنىڭغا يارىمايدۇ؛ جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق ئىچىدە، پۇتىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئۆز مەيلىچە ئىقتىسادىي توختامنى توختىتىپ قويغان؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇلنى ئېلىپ ئىشىنى قىلماسلىق ئادەتتىكى ئىش. ئەمەلىيەتتە، پۇتىننىڭ ئىقتىسادنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، ئۇ پەقەت ھەربىي ئىشلار ۋە سىياسىي مەشغۇلاتقىلا ماھىر. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە ئۆزىگە قايتىش تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى- يۇ، ئەمما ئىقتىسادى ئىزچىل تۈردە بىر ئىزدا چۆرگىلەپ يۈردى.
پۇتىن ئىلگىرى چوڭ سۆزلەپ، ئەگەر ئۇنىڭغا 20 يىل ۋاقىت بەرسە، رۇسىيەنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ھازىر قاراپ باقساق، رۇسىيە بەرداشلىق بېرەلمەسلىككە ئاز قالدى. رۇسىيە قىيىن پەيتتە قالغاندا، پۇتىننىڭ جۇڭگونى ئىشىك ئالدىغا سۆرەپ چىقىپ قالقان قىلماقچى بولۇشى، رۇسىيە ۋە پۇتىننىڭ خەتەرلىك ھەم بىپەرۋا ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved