شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان سەھىپە
شىركەتتىكى خادىملىرىڭىز نېمە ئۈچۈن سىزگە ئەگىشىدۇ؟
مايۈن مۇنداق دەيدۇ: خىزمەتچىلەرنىڭ ئىستىپا بىرىش سەۋەبى ھەر خىل، پەقەت تۆۋەندىكى ئككى سەۋەپ ئۇلارنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب :
1. مۇئاشنى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بەرمەسلىك.
2. قەلبى ئازار يىگەن.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۇلار سىزگە ئەگىشىدۇ؟
(1) خىزمەتچىلەرگە ئائىلىسىدىكىلەرنى باققىدەك پۇل بەرگەندە.
(2) خىزمەتچىلەرگە ئىش قىلىشنىڭ يولىنى ۋە پىكىر يولىنى ئۆگەتكەندە.
(3) خىزمەتچىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش ئارزۇسىنى ئىلھاملاندۇرۇش ھەمدە ئۆزىگە ئېنق بىر نىشان تۇرغۇزۇشقا ياردەملەشكەندە.
(4) خۇشال كەيپىيات ئىچىدە خىزمەت قىلىپ، خىزمەتتن خۇشاللىق ئىزدىگەندە.
قانداق قىلىپ تالانتلىقلارنى تەربىيلەش، خىزمەتچىلەرگە پۇرسەت بىرىش، خىزمەتچىلەرنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە پۇرسەت بىرىش، مۇشۇنداق قىلغاندىلا تالانتىقلارنى تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ.
1. تالانتلىق ئادەم دىگەن نېمە؟
ئىش قىلالايدىغان، جاپا تارتىشتىن قورقمايدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان كىشلەر دەل تالانتلىقلار.
2. رەھبەر دىگەن نېمە؟
كوللىكتىپقا توغرا نىشان كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان، ئۇلارغا چارە تەدبىر ئېيتىپ بىرەلەيدىغان، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، قايىل قىلالايدىغان ئادەم دەل رەھبەردۇر.
9 تۈرلۈك پىرىنسىپ :
1. ئۆزى ئۈلگە بولۇش.
2. قول ئاستىدىكىلەرگە ياردەمدە بولۇش.
3. قول ئاستىدىكىلەرگە ئۆگۈتىش.
4. قائىدە –تۈزۈم ئارقىلىق كوللىكتىپ قۇرۇش.
5. ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ روھىينى كۆتۈرۈش.
6. ئادىل باشقۇرۇش.
7. دەسمايە سېلىپ يىراقنى كۆزلەش.
8. ئەقىل پاراسەت بىلەن ئىش تۇتۇش.
9. كوللىكتىپ قۇرۇش، يىراقنى كۆرۈش.
تالانتىقلارنى قانداق تۇتۇپ قالمىز؟
خادىملارغا مۇنداق تۆت پۇرسەتنى بېرىش: ئىش قىلىش پۇرسىتى، پۇل تېپىش پۇرسىتى، ئۆسۈپ يېتلىش پۇرسىتى، تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى. خادىملارنى باشقۇرۇشتا تۆت خىل تۇيغۇ بولۇش: نىشان تۇيغۇسى،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى،تەۋەلىك تۇيغۇسى،ئۇتۇق قازنىش تۇيغۇسى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved