ئىسرالىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە قىسمى 12-ئىيۇل كېچىدىن 13-ئىيۇل سەھەرگىچە شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ غەززا رايونىغا كىردى، بۇ ئىسرالىيە دۆلەت مۇداپئە ئارمىيىسىنىڭ غەززا رايونىدىكى پەلەستىن قۇراللىق كۈچلىرىگە ھەرىكەت قوزغىغاندىن بۇيان توقۇنۇش بولىۋاتقان رايونغا تۇنجى قېتىم يەر يۈزىدىن كىرىشى.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا غەززا رايونىدىكى ئۇرۇشتا پەلەستىنلىكلەردىن قازا قىلغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن، پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا غەززا رايونىدا 12-ئىيۇل پەلەستىنلىك 56 كىشى قازا قىلغان بولۇپ،بۇ ئىسرالىيە ئارمىيىسى ھەرىكەت قوزغىغاندىن بۇيان پەلەستىندە بىر كۈندە قازا قىلغانلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈن.
ئىسرالىيە رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى راكېتا بومبىسى قويۇپ بېرىش بازىسىنى گۇمران قىلىشكەن. ئىسرالىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى نىشانلانغان ئىمارەتلەرگە كىرگەندە، شۇ جايدىكى ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، تۆت ئەسكەر يارىلانغان. ئىسرالىيە ئارمىيىسى كەينىدىن قايتۇرما زەربە بېرىپ، يارىدار بولغان ئەسكەرلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىسرالىيە تەۋەسىگە قۇتقۇزۇپ كەلگەن. ئىسرالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە خاماسنىڭ ئۈچ خادىمى ئىسرالىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى دېيىلدى.
ئىسرالىيە دۆلەت مۇداپئە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى خاماسنىڭ يىراق مۇساپىلىق راكېتا قويۇپ بېرىش نۇقتىسىنى ۋەيران قىلىش. بۇ قويۇپ بېرىش نۇقتىسى ئىسرالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ۋە شىمالى رايونىغا بىر قانچە يىراق مۇساپلىق راكېتا قويۇپ بېرىپ، ئىسرالىيە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد پەيدا قىلدى. مۇخبىر بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئىسرالىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززا رايونىغا يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قوزغىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ دەپ سورىغاندا، بۇ باياناتچى بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئالاھىدە قىسىمنىڭ خاماسىنىڭ راكېتا ئوقى قويۇپ بېرىش نۇقتىسىغا قاراتقان بىر قېتىملىق ئالاھىدە مۇستەقىل ھەرىكىتى،دېدى.
خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئىسرالىيە ئالاھىدە قىسمىنىڭ ھەرىكىتى، ئىشىنىمىزكى ئىسرالىيە ئارمىيىسى كەڭ كۆلەملىك يەر ئۈستى ھۇجۇمىنى باشلىمىدى. ئىگىلىنىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 13-ئىيۇل، ئىسرالىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىدە 167 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 1100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاقىدار ئاپپاراتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قازا قىلغانلارنىڭ %77 ى پۇقراكەن. ئىسرالىيە ھاۋا ئارمىيىسى مىڭ توننىغا يېقىن پارتلاتقۇچ تاشلاپ، خاماسقا ئېغىر زەربە بەرگەن. 500 دىن ئارتۇق مەخپى راكېتا قويۇپ بېرىش نۇقتىسى ۋە 80 دىن ئارتۇق ھەربىي قوماندانلىق مەركىزىنى زىيانغا ئۇچراتقان. بۇ 2012-يىلىدىن كېيىن ئىسرالىيە ئارمىيىسى قوزغىغان ئەڭ چوڭ كۆلەملىك، ئەڭ ئەجەللىك ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: كاساڭ بېرگادىسى ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى ئىسرالىيە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ خاماسنىڭ غەززا رايونىدىكى رەھبىرى ئىزمىر خانىيانىڭ 22 ياشلىق جيەن ئوغلى نىدارنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. نىدارنىڭ ئىسرالىيەنىڭ بېكىتكەن ھۇجۇم قىلىش نىشانى ياكى ئەمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. شۇ چاغدا نىدار قاتارلىق بەش كىشى غەززانىڭ شىمالىدىكى كوچىدا پارتىلاپ قازا قىلغان، باشقا 15 كىشى يارىلانغان.
گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجئەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسرالىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ كابىنت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ھەرىكەتنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بەلكىم بىر مەھەل داۋاملىشىشى مۈمكىن. بىز پەلەستىن ئىسلام قاراشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىۋاتىمىز.
نىتانىياخۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن پەلەستىن قۇراللىق خادىملىرىغا قارىتىلغان ھەربىي زەربىنى توختاتمايمىز. ئىسرالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە ئېيتقاندا ئىسرالىيە 2012-يىلىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولغان ئۇرۇش توختىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.
ئىسرالىيە بىلەن خاماسنىڭ ئۆتكەن قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشى 2012-يىلى 11-ئايدا يۈز بېرىپ، 8 كۈن داۋاملاشقان، تەخمىنەن 200 پەلەستىنلىك، 6 ئىسرالىيەلىك قازا قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرى پۇقرالار. ئىككى تەرەپ مىسىرنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا ئۇرۇشنى توختاتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved