ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى BRT4-لىنىيەسى ۋە BRT6-لىنىيەسىدە 19-دېكابىر بىرلا ۋاقىتتا قاتناش باشلىنىپ، شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىدە نۇرغۇن كىشىلەر بالدۇرلا BRT بېكىتىگە كېلىپ، BRT6-لىنىيەسىگە ئولتۇردى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ليۇ ياڭ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا سودا قىلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى-مىچۈەن كۆكتاغ رايونى ئارىلىقىدا دائىم قاتنايدۇ، BRT6- لىنىيەسىدە قاتناشنىڭ باشلىنىشى ئۇنىڭغا تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: « ئىلگىرى مىچۈەن –كۆكتاغ رايونىغا بېرىش ناھايىتى قولايسىز ئىدى، نۇرغۇن ۋاقىت يول مېڭىش بىلەن ئىسراپ بولاتتى، BRT6-لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن ۋاقتىمىز تېجىلىپ، نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، شەھەر قاتنىشىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئىككى جاينىڭ ئارىلىقىنى قىسقارتىپلا قالماي يەنە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغىمۇ ناھايىتى قولايلىق ئېلىپ كەلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى زۇ تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە BRT4-لىنىيەسىگە جەمئىي 43 ئاپتوبۇس، BRT6-لىنىيەسىگە 40 ئاپتوبۇس سەپلەنگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى لىنىيەگە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە يول يۈرۈشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن 10 جىددى تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىلى سەپلەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە، BRT4-لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 14.178 كىلومېتىر بولۇپ، شىمالدا ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدىن باشلىنىپ قىزىلتاغدا توختايدىكەن، بۇ لىنىيە ئاساسلىقى شىمالدا يېڭى شەھەر رايونى، جەنۇبتا كونا شەھەر رايونى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. پۈتۈن لىنىيەدە ماشىنىسازلىق زاۋۇتى، ئوق قازان زاۋۇتى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى غەربى، تەييۈەن شىمالىي يولى، شاڭخەي يولى، شيامېن يولى ، سۈنئىي ھەمراھ مەيدانى، خېنەن غەربىي يولى، ئالتاي يولىنىڭ شىمالى، سۇجۇ يولى غەربىي كوچىسى، ئۆمۈچۈك تېغى، گۈيجۇ يولى، جياخېيۈەن ئولتۇراق رايونى، ئالتاي يولىنىڭ جەنۇبى، توۋگۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، نۇرباغ غەربىي يولى، شىخۇڭ غەربىي يولى، قىزىلتاغ قاتارلىق 19 بېكەت تەسىس قىلىنغان.
BRT6-لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18.5 كىلومېتىر بولۇپ، شىمالدا مىچۈەن –كۆكتاغ رايونى بۈگۈر شەرقىي يولى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن باشلىنىپ، ئاخىرقى بېكەت شىمالىي يولۇچى توشۇش بېكىتىدە توختايدىكەن، بۇ جەرياندا 122-ئوتتۇرا مەكتەپ، جۇڭيى شىمالىي يولى، جۇڭيى جەنۇبىي يولى، مىچۈەن –كۆكتاغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، يۈەنيى كەنتى، گۇمۇدى، جيەنگۇۋ غەربىي يولى، مىچۈەن –كۆكتاغ رايونى يولۇچى توشۇش بېكىتى، داۋشياڭ جەنۇبىي يولى، كەييۈەن كوچىسى، شياۋشۈيچۇ، يېنىك سانائەت ئىنىستىتۇتى، يوڭشياڭ كوچىسى، ئېرگاڭ، چاسا قولتۇق ( كازىۋەن ) خېڭتوڭ كوچىسى، 5-قۇرۇلۇش ئىدارىسى، خېبېي شەرقىي يولى، قىزىل تۆپە، شەرقىي سەككىز تۈتۈندىن ئۆتىدىكەن.
2011- يىلى BRT لىنىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈرۈمچىنىڭ بىرلا خىل ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس سىستېمىسىنىڭ بارلىق قاتناش سىستېمىسىدىكى سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. نۆۋەتتە، BRT شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشتىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە BRT4– ۋە BRT6-لىنىيەلىرى ئىلگىرى يولغا قويۇلغان BRT1-،2-، 3-، 5-، 7- لىنىيەلىرى بىلەن تور شەكىللەندۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە BRT نى تىرەك قىلغان بىر گەۋدىلەشكەن قاتناش سىستېمىسىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved