جۇڭگۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
تاشقى ئاخباراتنىڭ ئاشكارلىشىچە ،روسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن 4-چىسلا بايانات ئىلان قىلىپ ،ياكونوۋىيچى يەنىلا ئۇكرائىنانىڭ قانۇنلۇق زۇڭتۇڭى ، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر چىقىرىشىنڭ ھاجىتى يوق دىدى .پۇتىن باياناتتا يەنە ئۇكرائىنا يىڭى ھۆكىمىتىنڭ ياكونوۋىيچىنىڭ
ھوقوقىنى تارتىۋىلىشى قانۇنغا خىلاپ بولۇپ قوراللىق ھالدا ھوقوقنى تارتىۋىلىش
قىلمىشى دەپ كۆرسەتتى .
جۇڭگۇ يىڭى تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى تىلگىراممىسى . پۇتىن ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش ئەڭ ئاخرقى تاللاش
دىدى
ئۇ يەنە ئەگەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسمى "قانۇن ئىنتىزام يوق" ھالەتكە كىرسە روسىيە تەرەپ ئارلىشىش
ھوقوقىنى ساقلاپ قالىدۇ دىدى . ئۇ يەنە ھەر قانداق ئارلىشىش چوقۇم خەلىقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن كىلىدۇ ، قانۇن تۈزۈم ئىچىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ دىدى .
پۇتىن روسىيە ھەربىي قىسىمنڭ كىلىمىيا رايۇندا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ،پەقەت شۇ جايدا تۇرۇشلۇق
مۇداپئە قىسمى ئوكرائىنانىڭ ھەربىي بازىسىنى قورشىۋالدى ،كۆپىنچە ھەربىي كىيىم
ئوخشاش دىدى .
پۇتىن ، ياكونوۋىچىنىڭ سىياسى كىلەچىكى قالمىدى ، روسىيە تەرەپنىڭ ئۇنى قوغدىشى ئۇنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قالىدۇ دىدى
.
ئۇ يەنە ،روسىيە ئاللىبۇرۇن سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ بولدى ، ئەگەر غەرپ دۆلەت رەھبەرلىرى كىلىشنى خالىمىسا كەلمىسىمۇ
مەيلى دىدى .
پۇتىن يەنە روسىيە تەرەپ ھەر قانداق چارە قوللىنىپ چوقۇم ئۇكرائىن خەلقىنىڭ مەنپەتىنى قوغدايدۇ دىدى .
ئۇ ئوكرائىنا ۋە جىفۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر پۈتۈنلەي قانۇنغا خىلاپ بولۇپ قوراللىق ھالدا ھوقوقنى تارتىۋىلىش قىلمىشى
دىدى .
ئوكرائىنا پارلامىنتى قانۇنلۇق بولسىمۇ ھازىرقى زۇڭتۇڭ قانۇنى ۋەكىل ئەمەس
، ياكونوۋىيچى يەنىلا ئوكرائىنانىڭ قانۇنلۇق زۇڭتۇڭى دىدى .
بۇ پۇتىننىڭ ياكونوۋىيچى جىفۇدىن
ئايرىلغاندىن كىيىنكى تۇنجى قىتىم ئاخبارات يىغىنى ئىچىشى ھىساپلىنىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved