بېنتېز رونالدونىڭ نەزىرىدە ئۇ خان مادرىدتا يولۇققان ئەڭ قابىلىيەتسىز مەشقاۋۇل. گەرچە رونالدونىڭ ئەينى يىللاردا مورىنھو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مورىنھونىڭ قول ئاستىدا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى، شاھلىق لوڭقىسى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بېنتېز رونالدو بىلەن ئەپ ئۆتمىگەننىڭ ئۈستىگە، رونالدونى قانداق ئىشلىتىشنىمۇ ئۇقمىدى. «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ قارىشىچە، بېنتېزنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى رونالدونى ئىنتايىن خۇشال قىلغان. ئۇ بېنتېز خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتىنى ئىسراپ قىلىۋەتتى، دەپ قارىغان.
بېنتېز خانلىق مادرىدنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان ۋاقىتلاردا رونالدو بېنتىزدىن نارازى بولۇپ، فلورېنتىنوغا بېنتېز بولسىلا خانلىق مادرىدنىڭ ياخشى ئاقىۋەتكە قالمايدىغانلىقىنى دېگەن. بۇ قېتىم رونالدو ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، رونالدو بېنتىزنى خانلىق مادرىدنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ۋە پۇرسىتىنى ئىسراپ قىلىۋەتتى دەپ قارىغان.
بېنتىز بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ توختامى تېخى رەسمىي يوسۇندا ئاياغلاشمىغانلىقى ئۈچۈن، خانلىق مادرىد بېنتېزغا مەلۇم مىقداردىكى تۆلەم پۇلى بېرىشى كېرەك ئىكەن. بۇ تۆلەم پۇلىنىڭ مىقدارى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 3 مىليون ياۋرو ۋە 4 مىليون ياۋرودىن ئىبارەت ئىككى خىل بولۇپ، «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» بۇ تۆلەم سوممىسىنى 11 مىليون ياۋرو دەپ خەۋەر قىلغان.
كاتالونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بۇ 11 مىليون ياۋرو مۇشۇ مۇسابىقە پەسىلىدىكى قالغان 4 مىليون ياۋرو ۋە كېينكى مۇسابىقە پەسىلىدىكى 7 مىليون ياۋرونى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بېنتىز خانلىق مادرىدتىن ئايرىلغاندا ئۇ مادرىد كۇلۇبى ۋە مەستانىلىرىگە رەھمەت ئېيتمىغان ھەم خانلىق مادرىدقا ھېچقانداق بىر تىلەك تىلىمىگەن. «ماركا گېزىتى» نىڭ قارىشىچە، بېنتىز ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق قىلىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى ئىشلارنى ئويلىسىلا قاتتىق غەزەپكە كېلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن پۇل مەسىلىسىدە ئۇ ھېچقانداق مۇرەسسە ۋە يول قويۇشقا ماقۇل بولمايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved