گەرچە باھار بايرىمىدىن كىيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما شىياۋمى 5 يەنىلا توردىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، يىقىندىن بۇيان ئۇنىڭغا ئائىت خىلمۇ-خىل قىياسلار ۋە ئۇچۇرلار توختىماستىن ئوتتۇرىغا چىققان. تۈنۈگۈن شىياۋمى شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، مۇئاۋىن لېدىرى لى ۋەنچىياڭ شىياۋمى مۇنبىرىدە پەيدا بولۇپ، شىياۋمى 5 ھەققىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلىغان.
لى ۋەنچىياڭنىڭ ئېيتىشىچە، شىياۋمى 5 يانفونى 24-فېۋرال ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، 19 ئايغا سوزۇلغان تەتقىق قىلىش ۋە توختىماستىن ئۆزگەرتىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ يانفون شىياۋمى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىنغان بايراقدار دەرىجىلىك مەھسۇلات بولۇپ قالغان. توردا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىتا، لى ۋەنچىياڭ شىياۋمى 5 نىڭ ئېكران ئېنىقلىقى 2K بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، شىياۋمى note يانفونىغا 2K ئېكران ئىشلىتىلگەندىن كىيىن، توكنى تېز خورىتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېزىمچانلىقى دېگەندەك يۇقىرى بولمايدىغانلىقى بايقالغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، شىياۋمى 5 نىڭ يەنىلا بازاردا ئالدىنقى قاتاردا تۇرالايدىغان بايراقدار دەرىجىلىك يانفون بولىدىغانلىقى، 1080P ئېنىقلىقىدىكى ئېكرانغىمۇ ئوخشاشلا شىياۋمىنىڭ «قارا تېخنىكىسى» ئىشلىتىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئېلان قىلىنىش ۋاقتى 24-فېۋرالغا بېكىتىلگەندىن باشقا، شىياۋمى 5 يەنە بۇ يىللىق MWC چوڭ يىغىنىدا نامايەن قىلىنىدىكەن، بۇ شىياۋمىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا كۆچمە ئالاقە چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ھەر تەرەپلىمە ئۇچۇرلارنى يىغىنچاقلىغاندا، شىياۋمى 5 كە ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P بولغان 5.2 دىيۇملۇق ئېكران، سنەپدراگون 820 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئالدى يۈزىگە سەككىز مىليون، ئارقىسىغا 16 مىليون پىكسېللىق كامېرا، بارماق ئىزىنى تونۇش ۋە NFC ئىقتىدارى قاتارلىقلار سەپلىنىدىكەن. ئۆلچەملىك ۋە يۇقىرى سەپلىمىلىك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، بۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3GB ۋە 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئورنىتىلىدىكەن، يېڭىدىن لايىھەلەنگەن MIUI7 سىستېمىسى قاچىلىنىدىكەن، بۇندىن باشقا، شىياۋمى 5 ھەممە تورنى قوللايدىغان بولۇپ، Win10 Mobile نۇسخىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقىمۇ باركەن، باھاسى يەنىلا 1999 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.
![]() |
بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى تور بېكىتى 19-ئاپرېل مۇنداق خەۋەر بەردى: تويۇنۇپ كەتكەن جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرى نۆۋەتتە كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.
«چوڭ كولا» يان تېلېفون شىركىت...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved