چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇن فوندىدىن ۋاز كېچىشى، ئالتۇننىڭ ئىقتىسادىي خەۋپتىن ساقلاش رولىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزاق تۆۋەنلەش دەۋرىگە كىرگەن. ئالتۇن قەرەللىك باھاسى ئۇدا ئالتە پەسىل تۆۋەنلىدى. بۇ 1984-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزاق تۆۋەنلەش ۋاقتى بولۇپ، بۇ يىل جەمئىي %10 تۆۋەنلىگەن. 2011-يىلىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىن بىراقلا %45 تۆۋەنلىگەن.
مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكا پۇل سىياسىتىنىڭ قىسىشى تەسىرىدە تولىمۇ تېز ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇدا ئۈچ پەسىل چۈشۈپ كېتىشى مۇقەررەرلىشىپ قالغان. ئالتۇن سودىسىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى ئۆتكەن 13 سودا كۈنىدە 1446.4 توننا ئازىيىپ كېتىپ، ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.
دانىيە ساكىسو بانكىسى سودا ئىستىراتېگىيەسى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئول ھەنسېن: « تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ چېكىنىشى بىلەن ئالتۇن كىرزىسقا پېتىپ قالدى. قەغەز ئالتۇن مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش بېسىمى ئېشىپ كەتتى. ئالتۇننىڭ خەتەردىن ساقلىنىشتىكى ئورنى ئاجىزلاپ قالدى.» دېدى.
نيۇ يورك تاۋار سودىسىنىڭ ئىككى ئايدىكى ھېساباتىدا ئالتۇن ۋاقىت مال باھاسىنىڭ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى ئۆسۈشى %0.1 گە يەتمىگەن. بىر ئۇنسىيە ئالتۇن 1060.20 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئالتۇن ۋاقىتتىكى مال باھاسى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.
ھەنسېننىڭ ئېيتىشىچە، 2016-يىلى بىر ئۇنسىيە ئالتۇن 1000 دوللارغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنكەن. لېكىن يىل ئاخىرىغا بارغاندا ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى ۋە زايوم پايدىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، يەنە 1200 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىشى مۇمكىنكەن.
سىنگاپور جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى مۇتەخەسىسى باناباسنىڭ ئېيتىشىچە، 2016-يىلىدا ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، 950 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنكەن.
ئامېرىكا تاۋار زاكاس مال سودىسى كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدىن باشلاپ، كۆپ قىسىم مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورلىرى ئالتۇن باھاسى چۈشىدۇ دەپ قارىغان. بۇ كىشىلەرنىڭ ساپ ھايانكەشلىك پۇل ئوبوروتى سوممىسى2006-يىلىدىن بۇيان ئەڭ زور قىممەتكە يەتكەن.
ئامېرىكا رېكىس پايچېكى شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى گىرېگ كىن مۇنداق دېدى: «سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ھايانكەشلەرنىڭ ساپ پۇل ئوبوروتى ئىنتايىن ئاز. بۇ ھايانكەشلەرنىڭ بۇرۇنقىدەك ئىشەنچىسى قالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.»
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved