لەگلەك تورى تەرجىمىسى شىنخۇا تورى 5- ئاينىڭ 26 - كۇئالالۇمپۇردىن بەرگەن تېلېگراممىسى ، مالايسىيا يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاسالانغاندا ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى قوشۇمچە قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى ھىسامۇددىننىڭ ئېيتىشىچە ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار 27 - چېسلا خەلىقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھى تەمىنلىگەن يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلى سانلىق مەلۇماتنى ئاشكارلايدىكەن . ھىسامۇددىنن مۇنداق دېدى : بۇ سانلىق مەلۇماتلار مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى بىلەن خەلىقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتى بىلەن بىرگە ئاشكارلايدۇ .
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى بىلەن خەلىقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتى 20 - چېسلا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : مالايسىيا يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاپ ۋەقەگە ئۇچۇرغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشەندۈرىدۇ .
3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مالايسىيا 370 نۆۋەتچى 154 جوڭگو پۇقرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 227 نەپەر يولۇچى بىلەن 12 نەپەر ئايروپىلان خىزمەتچىسى بىلەن كۇئالالۇمپۇردىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەي كۇئالالۇمپۇر باشقۇرۇش دائىرىسى بىلەن ۋېتنام باشقۇرۇش دائىرىسى كېسىش نۇقتىسدا باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved