جۇڭيەن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىكۇ شۇ جاي ۋاقتى11-ئاينىڭ 21-كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بېدىن بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى .ئىككى تەرەپ بىردەك مىنىسكى سۆھبىتى ئەندىزىسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي تىنچلىق مۇساپىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسىي دەپ قارىدى .
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىكۇ سۆھبەتتىن كېيىنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى :‹بېدىن ئىككىمىز مىنىسكى سۆھبەت ئەندىزىسىنى ئوكرائىنانىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ ،بۇ قۇبۇل قىلىشقا تېگىشلىك نېگىزلىك ئەندىزە دەپ قارىدۇق ،مۇشۇ ئەندىزە بويىچە مىنىسكى تىنچلىق پىلانىدىكى بىر قانچە مەزمۇننى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ ،مەسلەن دەرھال ئۇرۇش توختاتقىلى ،توقۇنۇش ئاز بولغان رايون قۇرغىلى چىگرىنى تاقىغىلى سىياسىي مۇساپىنى دەرھال باشلىغىلى بولىدۇ .
مىنىسكى سۆھبەت ئەندىزىسى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپسى بولغان ئۇكرائىنا ،ياۋروپا خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ،رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئىچى قوراللىقلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتنى كۆرسىتىدۇ ،جەنۋە سۆھبەت ئەندىزىسى بولسا ،ئۇكرائىنا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا روسىيە قاتارلىق تۆت تەرەپ قاتناشقان سۆھبەتنى كۆرسىتىدۇ ،ئۇنىڭدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئىچى قوراللىقلىرى ۋەكىلى بولمىغاندىن باشقا ئىزچىل قارشىلىققا ئۇچراپ كەلدى ،روسىيە تەرەپ مىنىسكى سۆھبىتىنى ئۇكرائىنا كىرزىسنى يۇمشىتىشنىڭ ئاساسىي دەپ قارىدى .
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى پوروشىنكو بىلەن ياتسىيونىكنىڭ پوزىتسىيسىدە ئۆزگىرىش بولدى ياتسىيونىك 19-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹ئۇكرائىنا دائىرلىرى مەزكۇر دۆلەتنىڭ پەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا جەنۋە سۆھبەت ئەندىزىسى ئەڭ ياخشى رول ئوينايدۇ دەپ قارىدى ،بۇ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئورتاق مەيدانى ›. ئۇ يەنە ئوكرائىنا دائىرلىرىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى ئەل ئىچى قوراللىقلىرى بىلەن بىۋاستە سۆزلەشمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى .
بېدىن سۆزىدە رۇسىيىنىڭ مىنىسكى كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ،ئۇ مۇنداق دېدى :‹ ئەگەر روسىيە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۋەتسە ئۇنداقتا ئامېرىكا بەش تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ روسىيەنى تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved