جېجىياڭ لىنىيىسى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسى ،قۇشۇمچە مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ رەئىسى رائۇل كاستىرو 17-دېكابىر ئايرىم ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ ،ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېڭىشىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇردىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى .تەھلىلچىلەر بولسا بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىيات كۇبانىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بۇ ھازىر كۇبا كوچىلىرىدا كۇپ ئۇچرايدىغان كونا پاسوندىكى ئاپتوموبىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارىدى .
بۇنداق رەڭگارەڭ كونا پاسوندىكى ئاپتوموبىللارنى كونا كىنولاردىلا كۆرگىلى بولىدۇ ،لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئاپتوموبىللار كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا بار .ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە ئامېرىكا كۇباغا ئاپتوبومىل ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىدى .شۇنىڭ بىلەن كۇبالىقلار 50-يىللاردا كىرگۈزگەن بۇ كونا پاسوندىكى ئاپتوموبىللارنى بار ئامالى بىلەن ئاسراپ ئىشلىتىپ كەلدى .تېخنىكا ئىشچىلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى ۋە رېمونت قىلىشى ئارقىسىدا ھازىر كۇبادا تەخمىنەن 60 مىڭ مۇشۇ خىل كونا پاسوندىكى ئاپتوموبىللار يەنىلا قاتنىماقتا .ھاۋانادا بۇ خىل ئاپتوموبىللار چەتئەل ساياھەتچىلەرنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ .ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بارا بارا ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا كۇباغا قاراتقان يېرىم ئەسىرگە سوزۇلغان سودا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى مۇمكىن .كۇبادىكى ئاپتوموبىل رېمونىتچىلىرى بۇ تەرەققىيات تۇرۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتەرمۇ دەپ ئويلىنىشقا باشلىدى .ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلانسا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئۈزلۈكسىز ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنىپ رېمونتچىلار ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ ئاسان رېمونت قىلىدۇ . لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن كوچىدىكى كونا پاسوندىكى ئاپتوموبىللار كۈنسىرى ئازلاپ رېمونىتچىلارنىڭ سودىسى ئىلگىرىكىدەك بەك ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن .بەزى ئاپتوموبىل رېمونىتچىلىرى مەيلى قانداقلا بولسۇن كۇبالىقلارنىڭ كونا پاسوندىكى ئاپتوموبىللارغا بولغان ئىشتىياقىنىڭ سۇزلاپ قالمايدىغانلىقى بۇ ئاپتوموبىللار ھەتتا بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ تەۋەرۈكىگە ئايلىنىدىغانلىقى پەقەت قۇرۇلۇشنىڭ يېقىنقى ۋەزىيەت تەرەققىياتى سەۋەبلىك تەسىرگە ئۇچئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 17-دېكابىر چۈشتىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ، كۇبانى ئۇزۇن مۇددەت يېتىم قالدۇرۇش، قامال قىلىش، ئىمبارگو يۈرگۈزۈشتەك دۈشمەنلىشىش سىياسىتىنى توختىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ نورمال مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى باشلايدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز جاكارلىدى. بۇ ئالاھىدە تەدبىر-ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىدە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى مۇھىم بۇرۇلۇش بولۇپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ تەرەپتىن ئويلاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئامېرىكا ئاممىسى ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، لېكىن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغىمۇ ئۇچرىدى
.
كۇبا بىلەن ئامېرىكىنى بىرلا ئېقىن ئايرىپ تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ ئارال دۆلىتىنىڭ شىمالدا ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا بولغان ئارىلىقى ئاران 90 دېڭىز مىلى كېلىدۇ، كولومبو يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق سەپىرىدە ئەڭ بالدۇر يېتىپ بارغان جايلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك بىپايان دېڭىز-ئوكياننىڭ دەھشەتلىك دولقۇنىغا ئوخشاش بولۇپ، مۇرەككەپ تارىخىي مۇناسىۋەت ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى.
1959-يىلىدىن بۇرۇن، كۇبادىكى ئىستىبدات ھۆكۈمران باتىستا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ كارىب رايونىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى دەپ قارالغان ئىدى. 1959-يىلى كاستىرو كۇبا ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ، باتىستا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دۆلەت ئىچىدە يەر ئىسلاھاتى ھەم دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى، ئامېرىكا كۇباغا سودا چەكلىمىسى ۋە نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. 1961-يىلى ئامېرىكا كۇبا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، كۇباغا قارىتىلغان يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە قامىلى ۋە سودا ئىمبارگوسىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كاستىرو ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرماقچى بولۇپ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى سەۋەبىدىن 3-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشقا تاس قالغان ئىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، توررىچېللى قانۇنى، ھېلمىس-بۇرتون قانۇنىنى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنى قانۇن جەەھتتىن دۈشمەنلىك ئورنىغا قويۇپ قويدى
.
ئوباما 2009-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىدىكى توڭ تەدرىجىي ئېرىشكە باشلىدى، ئامېرىكا كۇباغا قاراتقان قىسمەن جازالاش ۋە چەكلىمىلەرنى بوشاتتى. ئوباما بۈگۈنكى ئامېرىكا كۇبا خەلقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدۇ، بۇ-50 نەچچە يىلدىن بۇيان كۇباغا قاراتقان سىياسەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش، 1961-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا يولغا قويغان سىياسەتنىڭ مۇددىئاسى ياخشى بولۇپ كەلدى، بىراق نەتىجىسى ياخشى بولمىدى، كۇباغا قاراتقان جازانىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشەلمىدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جەزمەن نورماللىشىشى كېرەك دېدى
.
ئامېرىكا ئەمەلدارى 2013-يىلى ئەتىيازدا ئوباما كۇبا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ نورماللاشتۇرىدىغان چېكىپ بېقىش خاراكتېرلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھوقۇق بەردى، تۇنجى قېتىملىق يۈزمۇ-يۈز مەخپىي سۆھبەت شۇ يىلى 6-ئايدا كانادادا ئۆتكۈزۈلدى دېدى. ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىن كەلگەن تۇنجى رىم پاپىسىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى-ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تارىخىي قارار چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى دېدى.
نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى سۈپىتىدە، كۇبا يېقىندا قامالغىنىغا بەش يىل بولغان ئامېرىكىلىق ھۆددىگەر ئالان گروس ۋە 20 يىلغا يېقىن قامالغان يەنە بىر ئامېرىكا ئالاھىدە خادىمىنى قويۇپ بەردى، ئامېرىكىمۇ قامالغىنىغا 15 يىل بولغان ئۇچ كۇبالىق ئالاھىدە خادىمنى قويۇپ بەردى.ئوباما ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى-ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ ھەم ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ دېدى. ئامېرىكىنىڭ كۇبا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە مۇنداق بەش چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ: 1-دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئوباما دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىغا كۇبا بىلەن ئۇچرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى قايتىدىن ئورنىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش كۆرسەتمىسىنى بەردى. ئامېرىكا كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادىكى باش ئەلچىخانىسىنى قايتىدىن قۇرىدۇ، ئالىي ئەمەلدارلارنى زىيارەتكە ئەۋەتىدۇ. ئىككى دۆلەت يەنە داۋالاش، كۆچمەنلەر، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
2-كۇبانىڭ تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلىك ئورنى قايتا قاراپ چىقىلىدۇ. ئامېرىكا 1982-يىلى كۇبانى تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئوباما مەن كېررىدىن كۇبانىڭ تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت ياكى ئەمەسلىكىنى قايتىدىن باھالاشنى تەلەپ قىلدىم ھەم تېررورلۇق ئېنىقلىمىسىدا ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەر قانداق دۆلەتنىڭ يەنە جازاغا ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردۈم دېدى.
3-خەلقنىڭ ساياھىتىگە بولغان چەكلىمە بوشىتىلىدۇ. بۇندىن بۇرۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاز ساندىكى تەستىقلاشقا ئېرىشكەنلەردىن باشقا پۇقرالار ۋە مەڭگۈلۈك ئاھالىلەرنىڭ كۇباغا زىيارەتكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى. ئوباما خەلقنىڭ كۇباغا ساياھەتكە بېرىشىغا قارىتىلغان سىياسەتنى دەرھال بوشىتىمىز دېدى.تۆتىنچى، بانكا مۇلازىمىتى ۋە سودا ئىمبارگوسى بوشىتىلىدۇ. ھازىر، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدىن باشقا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا باشقا سودا ئالاقىسى يوق، ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ كۇبا بىلەن پۇل مۇئامىلە ئالاقىسى قىلالمايدۇ. بۇندىن كېيىن، ئامېرىكا بانكىسى كۇبا بانكىسىدا ھېساۋات نۇمۇرى ئاچسا بولىدۇ، كۇباغا تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى ئېكسپورت قىلىش ئىجازىتى بېرىلىدۇ. كۇباغا بارغان ئامېرىكا پۇقرالىرى ئىناۋاتلىك بانكا كارتىسى ئىشلەتسە، كۇبانىڭ ئەڭ داڭلىق مەھسۇلاتى سىگارت ۋە 100 ئامېرىكا دوللىرى ئىچىدە تاماكا سېتىۋالسا بولىدۇ.بەشىنچى، پۇل ئەۋەتىش سوممىسى كۆپەيتىلىدۇ. ئىلگىرى ئامېرىكا پۇقرالىرى كۇبادىكى تۇققان مۇناسىۋىتىدىن باشقا مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەرگە 500 ئامېرىكا دوللىرى ئەۋەتەلەيتى، بۇندىن كېيىن 2000 ئامېرىكا دوللىرى ئەۋەتسە بولىدۇ.
نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا پۇقرالىرى بۇ قېتىمقى قارارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنى قارشى ئالدى. پاپامۇ بۇنى ماختاپ: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارى ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ، بۇ تارىخىي مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان تارىخىي قارار، دېدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىمۇ بانكىمون بولسا: ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىنتايىن تېز بولماقتا، دېدى.ئوبامانىڭ بۇ قارارىنىڭ سىياسىي پايدىسى. بىرىنچىدىن، بۇ كۇبانىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى مەزگىلىدىن ھازىرغىچە، ئامېرىكا ئىزچىل پەردا ئارقىسىدا ھەرىكەت قوللىنىپ، سوتسىيالىستىك دۆلەت كۇبانىڭ دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى خەۋەر بېرىپ، ئۆتكەن 18 يىلدىلا ئامېرىكا بۇ نىشانى ئۈچۈن 264 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىنغان، دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئىلگىرىكى سىياسەتلەرنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى، كۇبادا دېموكراتىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سىياسەت قوللىنىش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئوباما تەكىتلەپ، تېخىمۇ قويۇق ئالاقىنىڭ كۇبانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، كۇبانىڭ كشىلىك ھوقۇق ھالىتىنى ياخشىلاشقا پايدىسى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.تاراتقۇلارنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، ئوبامامۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆتكەن 6 يىلدا سىرتتىكىلەرگە بەرگەن يۇمشاق ئوبرازىنى ئۆزگەرتىپ، سىياسىي مىراس قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئوباما ئىلگىرىكى دائىم ئىككىلىنىدىغان ھالىتىنى تاشلاپ، كەسكىنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللاندى، يەنى كۆچمەنلەر مەسىلىدە قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن تىركەشتى، جۇڭگو بىلەن كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە مۇھىم كېلىشىم ھاسىل قىلدى، تور دۇنياسىدا بىتەرەپ بولۇشنى قەتئىي قوللىدى، ھەمدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى.
ئامېرىكىنىڭ ئەمەلدارى تەكىتلەپ: بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، دېدى. 34 ئەزاسى بولغان ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تەشكىلات، لېكىن بۇ تەشكىلات ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىدە 1962-يىلى كۇبانىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى. لېكىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قوللانغان سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كەلدى، بولۇپمۇ 2012-يىلىدىكى كارتاگېنا ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قوللانغان سىياسىتىنى ئەيىبلىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇدا 22 يىل قارار ماقۇللىنىپ، ئامېرىكىدىن كۇباغا بولغان چەكلىمىسىنى بېكار قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئىككىنچىدىن، ئوباما بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق 2016-يىلدىكى ئامېرىكا سايلىمى ئۈچۈن يول سالماقچى. كۇبا كۆچمەنلىرى سىياسىيدا ئىنتايىن جانلىق، 2 مىليونغا بارمايدىغان كۇبالىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلىيەلەيدىغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ھېسابلىندۇ. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ، سايلىغۇچىلار كۆپ ئەمما سايلاش خاھىشى ئېنىق بولمىغان فىلورىدا ئىشتاتىدا، كۇبالىقلارنىڭ ئەۋالادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، 2016-يىلى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، دېدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇبالىقلارنىڭ ئەۋالادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتى ناچارلىشىپ كەتتى، ئوباما بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى، مەلۇم دەرىجىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى بىلدۈرمەكچى.
لېكىن ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز ھۇجۇمى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قايتۇرما زەربىسىگە سەۋەب بولدى. 2016-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى، كۇبالىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان مارك رۇبىئو مۇنداق دېدى: ئوبامانىڭ بۇ قېتىم سىياسەت ئۆزگەرتىشى پەرەز ۋە يالغانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئوباما تېخىمۇ كۆپ سودا پائالىيەتلىرى ۋە تېخىمۇ ياخشى ئىقتىسادىي ماددىي شارائىت ئارقىلىق كۇبانىڭ تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى كاستېرو ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى ساددىلىقتىن نادانلىققا ئۆزگىرىپ كەتتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئاساسى بولغان ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىنى قوغدىغانلىقى بولماستىن بەلكى زالىمغا يەنە بىر قېتىم يول قويغانلىق.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved