جۇڭگو ئاخبارات تورى 13-يانۋار تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، نۆۋەتتە ، ئامېرىكا رادىكال تەشكىلات ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىراقتىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن قېچىپ تۈركىيەگە بېرىۋالغان كۇردلار دائىم تۈركىيە-ئىراق چېگرىسىغا كېلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە قاراتقان ھۇجۇمىنى كۆرىدىكەن ، ئۇلار يەنە بۇ ئۇرۇشنىڭ تېزرەك ئاخىرلىشىشىنى ، يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن .
2014-يىلى 9-ئايدا ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن شەھەر، بازارلار ۋە كۇردلار تۇرۇۋاتقان كەنتلەرنىمۇ ئىگىلىۋالغان ، بۇنىڭ بىلەن نەچچە مىڭ كۇرد تۈركىيەگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ھازىر بۇ مۇساپىلار چېدىرلاردا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، چوڭلار بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكى، يېمەك - ئىچمىكى ۋە ئوقۇشىدىن غەم قىلىۋېتىپتۇ. كۇردلارنىڭ ئېيتىشىچە، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپلا بالىلارنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن .
بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن ئەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇرۇن ماراكەشتە بەش يىل قۇدۇق كولاش خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىپ، يېتەرلىك پۇل تاپقاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ كېبانىدا بىر ئۆي سالغان ، ئەپسۇس ئۇنىڭ ئۆيى ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› نىڭ ھۇجۇمىدا خارابىلىككە ئايلانغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك بەش يىلدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئاخىرى كېبانىدا ئولتۇراقلاشقان ئىدىم. ھازىر تۇرمۇشۇمدا ھېچنېمە قالمىدى. ئەسلىدە موشۇ ئايدا توي قىلىشنى ئويلاشقان ئىدىم، ئەمدى بۇمۇ خۇددى ئۆيۈمگە ئوخشاش يوق بولدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved