بەرەنگە قەلەمچىسىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم بولماسلىقى مۇمكىن، مەيلى تېز تاماقخانىلارغا بېرىڭ ياكى ئالىي دەرىجىلىك رېستۇرانلارغا بېرىڭ، بەرەنگە قەلەمچىسىنى چوقۇم تاماق تىزىملىكىدىن تاپالايسىز. بەرەنگە قەلەمچىسىنىڭ ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا خاس ئوخشىمىغان تەمى ۋە يېيىش ئۇسۇلى بار.
بىلگىيە. بىلگىيە ئەسلى بەرەنگە قەلەمچىسى بارلىققا كەلگەن يەر بولغاچقا، بەرەنگە قەلەمچىسى ئەڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلار ئادەتتە بەرەنگە قەلەمچىسىنى قەغەزگە يۆگەپ، يوللاردا ئېلىپ يۈرۈپمۇ يەيدىكەن.
گوللاندىيە. گوللاندىيەلىكلەر بەرەنگە قەلەمچىسىنى مۇچ قىيامى بىلەن يېيىشكە ئادەتلەنگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەرەنگە قەلەمچىسى كۆپۈنچە ئاچچىق تەمدە بولىدىكەن.
فىرانسىيە. فىرانسىيەلىكلەر بەرەنگە قەلەمچىسىنى ھەر خىل سارماي، پەمدۇر قىيامى، بېلىق قىيامى قاتارلىق ھەرخىل قىياملار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يەيدىكەن.
ياپونىيە. تېزلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ياپونىيەدە كىشىلەر بەرەنگىنىڭ ئۈستىگە خۇرۇچلارنى چېچىپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن.
ئەنگلىيە. ئەنگلىيەدە بەرەنگە قەلەمچە شەكىلدە ئەمەس بەلكى ياپراق شەكىلدە كېسىلىپ پىشۇرۇلىدىكەن، ئادەتتە تاتلىق ئاچچىقسۇ بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىنىدىكەن.
مالايشىيا. مالايشىيادا كىشىلەر بەرەنگە قەلەمچىسىنى چوڭ بىر تەخسىگە تۆكۈپ ، گازلىق ئىچىملىك بىلەن بىرگە يەيدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved